قازاقىستاندا ياشلارنىڭ دىنغا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت كوممۇنىستىك ئىدىيىسىنىڭ، 40 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا دىنىي ئېتىقادلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى ھەم تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن بۇيان، بۇ يەردە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىنغا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى سېزىلمەكتە. مۇنداق ئەھۋالنى كۆپىنچە مەسچىتلەردە، شۇنداقلا دىنىي بايراملاردا بايقاشقا بولىدۇ.

ياشلارنىڭ دىنغا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمىدە؟ ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمى ۋە ئاڭ - سېزىمى قانچىلىك دەرىجىدە؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانداق مەسىلىلەر بار؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات سەدىردىن ھاجى ياشلارنىڭ دىنغا ئاممىۋىي رەۋىشتە كىرىشىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ياشلارنىڭ دىنغا توپ - توپ كىرىشى، ھازىرقى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ سىياسىتىنىڭ شۇنىڭغا ئىختىيارىي قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ بىر پۇرسىتى. ئەسلى يارىلىشىغا قارايدىغان بولساق، ئىنسان دىنسىز ياشىيالمايدۇ. سەۋەبى ئاللا تائالاھ ئادەمنى ئىككى نەرسىدىن تەركىپ تاپقۇزۇپ، ئىككى نەرسىدىن ياراتتى. بىرسى، ماددىي جىسمى تەرەپتىن، يەنە بىرسى روھىي تەرەپتىن. ماددىي جەھەتتىن يەيمىز، ئىچىمىز، داۋالىنىمىز دېگەندەك بۇنى قامدايمىز. ئامما روھىي جەھەتتىن روھانىي بىر كۈچ بولمىسا، ئادەم بالىسىنىڭ دۇنيادا ياشىشى قىيىن بولىدۇ، تەنتىرەپ قالىدۇ.»

سەدىردىن ھاجى 70 يىللىق كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىدىن كېيىن، دىنغا كۆپلەپ كىرىۋاتقان ياشلارغا ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرىدىغان كادرلارنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا، ھازىرقى قازاقىستان سىياسىتى بويىچە قازاقىستانلىقلار دىنغا ئەمەل قىلىشتىن ئىلگىرى بىلىم ئالغان بولسا ياخشىراق ئىدى. چۈنكى قۇرئاننىڭ بىرىنچى ئايىتى ئوقۇش توغرىلىق چۈشكەن ۋە پەيغەمبىرىمىزمۇ دۇنيا ئاخىرىتىنىڭ بەختىنى مۇشۇ ئوقۇشنىڭ ئارقىسىدا قويدى. كىمدە - كىم ئىمان ئىزدەيمەن دېسە، ئوقۇسۇن دېگەن، ئاللاھنى تونۇغىسى كەلسە ئوقۇسۇن دېگەن، دۇنيالىقىنى ئىزلەيمەن دېسە ئوقۇسۇن دېگەن، ئاخىرەتلىكىنى ئىزلەيمەن دېسە ئوقۇسۇن دېگەن. توغرا، بىزنىڭكىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشى ئوقۇشىغا قارىغاندا جىقاراق، بىراق ئەمەل قىلىشى مۇشۇ ئوقۇمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن ئوڭ - تەتۈر دەسسىلىپ كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا ياشلىرىمىزغا بولىدىغان دىنىي ۋەسىيەت، كامىل نەسىھەت، بىرىنچىدىن، ئوقۇشىمىز كېرەك.»

سەدىردىن ھاجى شۇنداقلا ياشلارنىڭ بىلىمسىزلىكنىڭ سەۋەبىدىن بەزى كەمچىلىكلەرگە يول قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياركەند گۇمانىتارلىق - تېخنىكىلىق تېخنىكومنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر مولۇتجان توختاخۇنوف قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن دىنىي ئەركىنلىككە كەڭ يول ئېچىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە ياشلارنىڭ دىنغا بولغان كۆز قارىشى ئىزچىل ھالدا تەرەققىي ئېتىۋاتقان بولسىمۇ، ياشلارغا دىنىي بىلىمنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئاقىۋېتىدىن بەزى كەمچىلىكلەرنىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بولسا، دىننى ناتوغرا چۈشىنىش ياكى ناتوغرا چۈشەندۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بەزىدە شۇنداق ياشلار بار، مىللىتىڭ كىم دېسە مۇسۇلمان دەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ دىن چۈشەنچىسى بىلەن مىللەت چۈشەنچىسىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن. دىن بىلەن مىللەت ھەر ھالدا چەمبەرچەس باغلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ئايرىپ قارايدىغان يوللىرى بار. مىللەت چۈشەنچىسى ناھايىتى چوڭقۇر. بۇنى ياشلىرىمىز ھېس قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ياشلىرىمىزغا ساۋاتلىق بىلىم بېرىش كېرەك. ئەڭ توغرىسى مىللىتىم ئۇيغۇر، دىنىم ئىسلام دېيىشى كېرەك.»

سەدىردىن ھاجى دىن ۋە مىللەت چۈشەنچىلىرىنىڭ كېلىپ - چىقىشىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قۇرئاندا مىللەت دېگەن سۆزنى دىن دەپ ئىشلىتىدۇ. ئامما بىزنىڭ ئۇيغۇرچىدا مىللەت دېگەن تىلىڭ قانداق، قانداق تىلدىكى ئىنسانسەن دېگەن سۆز. مىللەت دەپ مىللىي تىلىمىزنى چۈشىنىمىز، ئۆرپ - ئادەت بويىچە. ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ جاۋابى بولىدۇ. مىللىتىڭ كىم دېسە ئۇيغۇر دەپ جاۋاب بەرسە ئۇنىڭغا ھېچقانداق قارشى ئەمەس. بۇ گۇنامۇ بولمايدۇ، بەلكى ساۋاتلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»