ئىستانبۇلدىكى 273 يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر جامەسى قايتىدىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ مەسچىت-جامە ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنى تاقاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ رايونىغا جايلاشقان 273 يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر جامەسى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قايتىدىن رېمونت قىلىندى ۋە 25-ماي جۈمە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، رەسمىي ئېچىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ رايونىغا جايلاشقان «قەشقەر تەككەسى» نامىدىكى بۇ ئورۇن بىر مەسچىت ۋە خانقادىن تەركىب تاپقان 2000 كۋادرات مېتىرلىق بىر جاي بولۇپ، بۇ ئورۇن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قايتا رېمۇنتقا بېرىلگەن ئىدى. بۇ جاينىڭ رېمونت قىلىش ئىشلىرى 4 يىلدا تاماملانغان بولۇپ، جەمئىي 3 مىليون 448 مىڭ تۈرك لىراسى چىقىم قىلىنغان. قەشقەر جامەسى يېنىدا مەزكۇر جامەنى قۇرغان مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇللا ئەپەندى قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى قەشقىرى مۇرتازا ئەپەندىلەرنىڭ مازارلىرى بولۇپ، بۇ مازارلارمۇ قايتىدىن رېمونت قىلىنغان.

تۈركىيەنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى نەجىپ فازىل قىساكۆرەكنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «قەشقەر تەككەسى» دە ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مازىرىنىڭمۇ مۇشۇ ئورۇنغا جايلاشقانلىقى مەلۇم. «قەشقەر تەككەسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نەجىپ فازىل قىساكۆرەكنىڭ مازار بېشىدا ھەم دۇئالار ئوقۇلدى.

قەشقەر خانىقاسى-تەسەۋۋۇپ تارىخىنىڭ ئەڭ قىممەتىك شەخسيەتلىرى تۇرغان بىر ئورۇن

«قەشقىرى مۇرتازا ئەپەندى خانقا جامەسى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۆمەر ئەردوغان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «جامەيىمىز تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان تاقالغان ئىدى. ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىگە چىقىپ بۇ جامەنى قايتىدىن رېمۇنت قىلىپ ياساپ بەردى. ئەيۇپ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ۋە بۇ جامەنى رېمونت قىلىشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىنى تەبرىكلەيمىز، كۆپ تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمىز. بۇ يەر تەسەۋۋۇپ تارىخىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك شەخسىيەتلىرى ياشىغان بىر ئورۇن. بۇ يەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەيخى ئابدۇلھەكىم ئارۋاسى ھەزرەتلىرى ۋە ئۇستاز نەجىپ فازىل قىساكۈرەك جامەنى قۇرغان ئالىم ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ مۇھىم شاگىرتلىرىدىن ئىدى. بۈگۈن مەسجىدىمىز ئېچىلدى. ئۇستازنىڭ يېقىنلىرى، تۇغقانلىرى ۋە مەھەللىدىكى خەلق ئاممىسى توپلىشىپ مەرھۇم ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدۇق.»

مەزكۇر جامەدە ناماز ئوقۇغان جامائەت 273 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ جامەنىڭ قايتا رېمونت قىلىنىپ ئىبادەت ئۈچۈن قايتا ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

مەزكۇر جامادە ناماز ئوقۇغان نىدايى سەۋىم ئىسىملىك كىشى مۇنداق دېدى: «بۇ 18-ئەسىردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ئورۇن. ئوخشاش ۋاقىتتا خانىقاھ ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەيۇپ سۇلتاندا مۇھىم ئورۇنلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇستاز نەجىپ فازىل قىساكۆرەكنىڭ مازىرىنىڭ بۇ يەردە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە مەرھۇم ئۇستازى بىلەن بۇ يەردە بىرلىكتە ياشىغانلىقىنى ھېسابلىغاندا بۇ يەر ئەھمىيەتلىك بىر ئورۇندۇر.»

سەركان دوغان ئىسىملىك بىر كىشى قەشقىرى مۇرتازا خانىقاھسى تارىخى بىر ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن جامەنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ھالدا يېڭىدىن رېمونت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۆت يىلدىن بۇيان ئۆزىمىزنى بوشلۇقتا ھېس قىلدۇق. بۇ يەرنى رېمونت قىلىش ئىشىدا ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىگە چىقىشى بەك ياخشى بولدى. ئۇلار ئىگە چىقىمغان بولسا بۇ رېمونت قىلىش ئىشى پۈتمەيتتى. نەجىپ فازىل ئۇستازنى ئاڭلىتىشقا سۆز ئازلىق قىلىدۇ، كىتابلارغا پاتمايدۇ. ئۇنى قەبرە بېشىدا ئەسلەپ دۇئالار قىلغان بولدۇق. ئۇنىڭ روھى خوش بولسۇن!. . .»

قەشقىرى مۇرتازا ئەپەندى خانىقاھسى ۋە جامەنىڭ تارىخى

قەشقىرى مۇرتازا ئەپەندى خانىقاھسى ۋە جامەسى ئەيۇپ سۇلتان ناھىيەسىنىڭ مەركەز مەھەللىسى، ھۈسام ئەپەندى كوچىسى بىلەن قارياغدى كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەينى دەۋردە بۇ خانىقاھنىڭ تۇنجى شەيخى قەشقەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قەشقىرى جامە دەپ نام بېرىلگەن. خانىقاھنىڭ ئىچىدە جامە، يەنى مەسچىت، خىلۋەت، دەرۋىش ياتاقلىرى، پىشايۋاندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ يەر 1744-يىلى شەرقىي تۈركىستانلىق ئەخمەت مۇرتازا قەشقىرى ئەپەندى تەرىپىدىن ياسالغان. نەقشىبەندى تەرىقەتچىلىرى ئۈچۈن ئىبادەتخانا شەكلىدە قوللىنىغان. مۇرتازا قەشقىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ خانىقاھغا ئابدۇللا نىدايى قەشقىرى دېگەن كىشى شەيخ بولۇپ خىزمەت قىلغان.

قەشقەر مەسجىدىنىڭ تېمىغا چاپلانغان تارىخى مەلۇماتلاردا يېزىلىشىچە، ئابدۇللا نىدايى قەشقىرى ھەزرەتلىرى 1698-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا نەقشىبەندى تەرىقىتىدە تەلىم ئېلىپ يېتىشىپ چىققان. كېيىن ئىستانبۇلغا كېلىپ قەشقىرى مۇرتازا ئەپەندى تەرىپىدىن سېىلىنغان قەشقەر خانىقاھسىغا كېلىپ جايلاشقان ۋە بۇ يەردە تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى بويىچە شەيخ بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ 1760-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە قەشقەر خانىقاھنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

«خەلقئارا قېرىنداشلىق، تىنچلىق ۋە ئەخلاق جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتچىسى ئادەم توپال ئەپەندى «قەشقەر تەككەسى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قەشقىرى مۇرتازا ئەپەندى دېگەندە مەن شەرقىي تۈركىستاننى ئېسىمگە ئالىمەن، ئەمما كۆپىنچە ئىنسانلار مەھمۇت قەشقەرىنى ئىسىگە ئالىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئېتىبارەن ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› نى ئاڭلىغانلار بىلىدۇ. قەشقەر بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىم بىر شەھەر. ھازىر ئۈرۈمچى مەركەز دەپ قارىلىدۇ، ئەمما قەشقەر شەرقىي تۈركىستاندىكى چوڭ بىر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدۇر. ئەلۋەتتە، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىمۇ ئۇ مەدەنىيەت مەركەزنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.»

«قەشقەر تەككەسى» مۇرتازا ئەپەندى تەرىپىدىن ۋەخفە قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، بەش دانە ياتاق، بىر مەسچىت ۋە ھويلىدىن تەركىب تاپقان. بۇ جاي 1744-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان ۋە 1745-يىلى پۈتكەن. ياتاقلارنىڭ بىرسىدە مۇرتازا ئەپەندى ئۆزى تۇرغان، قالغان تۆت ياتاقتا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى تۇرغان.

بۇ ھەقتە سۆز قىلغان تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى تەتقىقاتچىسى ئادەم توپال ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مۇرتازا قەشقىرى ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىن كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق دەرۋىشلەر ياشىغان ۋە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان. باشقا رايونلاردىن كەلگەنلەرمۇ بۇ يەردە تۇرغان. ئوسمانلى ئىمپىراتۇرلۇقى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ھەجگە كېلىدىغانلار ئالدى بىلەن خەلىپىنىڭ شەھىرى ۋە ئەبۇ ئەيۇبىل ئەنسارىنىڭ شەھىرى بولغان ئىستانبۇلغا كېلىپ بۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە ھەج ئۈچۈن باراتتى.

بۇ توغرىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تۈردە خەۋەرلەر تارقىتىلماقتا. بىز ئىستانبۇلدىكى قەشقەر جامەسى توغرىسىدا يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ «قەشقەر تەككەسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى تارىختىن قەپ قالغان بىردىن-بىر نىشانى ۋە تارىخى ئورنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.