قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار رامزان بايرىمىنى ناماز بىلەن كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، 8-ئاۋغۇست كۈنى سەھەردە بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنوبىغا جايلاشقان توكۈلتاش ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئاق مەسچىتكە توپلانغان 2 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسچىت ئىمامى غۇلامىدىن ھاجىنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە رامزان بايرىمىنىڭ نامىزىنى ئوقۇدى.

جامائەت نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى مەدھىيىلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.