قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

بۇ يىلقى قۇربان ھېيت قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بىشكەكتىكى مەركىزىي مەيداندا 60 مىڭ ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ قۇربان ھېيتنى كۆڭۈللۈك كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلىماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىنى تۆكۈلتاش مەھەللىسىدىكى مەسچىتتە ئوقۇدى.

قىرغىزىستاندا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە قاراقول، قارابالتا ۋە ئوش شەھەرلىرى شۇنىڭدەك ئوش ۋىلايىتىنىڭ قاراسۇ ناھىيىسىدە ياشايدىغانلىقى مەلۇم.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.