4-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ بايرامنىڭ بىرى بولغان قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى.
ھېيت كۈنى سەھەردىلا 30 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن بىشكەكتىكى ئالاتاۋ مەيدانىغا يىغىلىپ، مۇپتىنىڭ ئىماملىقىدا بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.
بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۆكۈلتاش، لىبىدىنوۋكا، پاكروۋكا، ئالاتاۋ قاتارلىق مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەرگە ۋە بىشكەكتىكى مەركىزى مەسچىتكە يىغىلىپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشقاندىن كېيىن، شاد-خۇراملىق ئىچىدە بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى ھەمدە توپ-توپ بولۇشۇپ قازا قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تۇپراقلىرىنى يوقلاش ۋە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن تارقىلىشتى.
بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئالاتاۋ مەسچىتنىڭ ئىمامى شۇنداقلا مەھەللە جامائىتىنىڭ يىگىت بېشى تاھىر ھاجىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.