يېقىندا خىتاينىڭ «سىنا» مىكروبلوگىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى «قۇرئان كەرىم» گە ھۇجۇم قىلىندى. بۇ مۇقەددەس دەستۇرغا قىلىنغان ھۇجۇم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپلا قالمىغان.
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مىكروبلوگ-«سىنا» تور بېتىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش توغرۇلۇق يېزىلغان مەزكۇر بۇ يازمىنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلىمىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەپ غەزىپىنى قوزغىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر دىنىي ئېتىقادقا قىلىنغان بۇ خىل ھۇجۇم داۋاملاشسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
25-فېۋرال بىر خىتاي بلوگچى «سىنا» تورىدىكى مىكروبلوگىغا پىكىر يېزىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق «قۇرئان كەرىم» نى توپلاپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە چاقىرغان. مەزكۇر خىتاي بلوگچى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مۇقەددەس دەستۇرغا «نەپرەتكە ۋە كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق» قىلغان، دەپ ھۇجۇم قىلىپ، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سېرىق، قانۇنسىز نەشرىيات بۇيۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىغا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىكى بارلىق «قۇرئان كەرىم» نى «يىغىۋېلىش ۋە يوقىتىش» نى تەكلىپ قىلغان. ئۇ، بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش «قايمۇقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتنى قۇتقۇزۇۋېلىش» تەكلىپىنى بەرگەن.
بۇ بلوگچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 249-ماددىسىدا مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەنئى قىلىنغان. ئۇ بۇ خىل جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 3 يىل، پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىغا 10 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ يازمىسى تور بەتلىرىدە دەرھال غۇلا-غۇلا قوزغاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىنىي زات بىلال ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرئان ئاللانىڭ مۇسۇلمانلارغا بەرگەن لۈتفى. بۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. خىتاي بلوگچى «قۇرئان كەرىم» نى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان بۇ مەزگىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى، روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشى، مەسچىتكە كىرىشى چەكلەپ، چوڭلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى، ئىسلامى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن كىيىم-كېچىكلەرنى كىيىشى، بەزى جايلاردا «ھالال» خېتى بار يېمەكلىكلەرنى بازارغا سېلىشىنى مەنئى قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خىتاينىڭ بۇ خىل قاتتىق دىنىي چەكلىمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.
بىلال ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» گە قىلىنغان ھۇجۇمنى چەكلەش ئورنىغا، ئۇنىڭ توردا تالاش-تارتىش قىلىنىشىغا يول قويۇشى، مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان يەنە بىر سەۋەب سىنا تورىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى. «ئۇيغۇربىز» تورى «سىنا» تورىنىڭ دىنىي، مىللىي نەپرەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا ئېغىر ئازار بەرگەن بۇ يازمىنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، مەزكۇر تورنىڭ باشقۇرغۇچى خادىمىنىڭ پوزىتسىيىسى كىشىنى گۇمانغا سالماي قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز «سىنا» تورىغا تېلېفون قىلىپ، نېمە ئۈچۈن بۇ يازمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىمىغانلىقىنى سورىدۇق. سىنا تورىنىڭ مەسئۇل خادىمى نامۇۋاپىق يازمىلارنىڭ توردىكى پاش قىلىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئەھۋال مەلۇم قىلغاندا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سىنا» تورىنىڭ بۇ مەسئۇل خادىمى: ئەگەر مىكروبلوگقا سىز بايا دېگەندەك نامۇۋاپىق ئۇچۇر قويۇلغان بولسا، سىز مىكروبلوگدىكى پاش قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئەھۋالنى مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېر مىكروبلوگدىكى سىز يوللىغان مەزمۇننى تاپقان ھامان، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى پاش قىلىنغان شۇ مىكروبلوگدىكى مەزمۇننى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلىش سىستېمىسى ئەمەس. پاش قىلىش كۇنۇپكىسى مىكروبلوگدا بولىدۇ. سىز بۇ مىكروبلوگنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن پاش قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسىسىز، دەپ كۆرسەتتى.
بىراق «ئۇيغۇربىز» تورى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مەزكۇر يازمىنى پاش قىلىپ، سىنا تورىغا شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق سىنا تورىنىڭ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر يازمىنى ئېلىپ تاشلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تور بېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئۆزىگە «گاۋ جيەنچيۇ ماركىست» دەپ نام قويۇۋالغان بلوگچىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر، مۇسۇلمانلارغا، تىبەت، تۇڭگان، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشى ئەمەس. «ئۇيغۇر بىز تورى» ئۇنىڭ مىكروبلوگىغا كىرىپ، ئۇنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ھاقارەتلەپ يازغان نۇرغۇن يازمىلىرىنى تېپىپ چىققان.
«ئۇيغۇربىز» «سىنا» تورىنى تەنقىد قىلىپ، چوڭ خەنزۇچىلىقنى، يەنخۇاڭ ئەۋلادىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىنى قوغلىشىپ، باشقا مىللەتلەرگە دۈشمەنلىك ۋە چەتكە قېقىش پوزىتسىيە تۇتىدىغان، سۆزى ھەرىكىتى رادىكال، دائىم مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان بۇ ئادەم بۇرۇنلا چەكلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق سىنا تورىنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.