گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى بىرلىكتە ناماز قىلىپلا قالماي، شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن يەنە بىر سورۇن ھازىرلاپ، ھېيتنىڭ خۇشاللىقىنى سەنئەت بىلەن ئىپادىلىگەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 4 دىن كەچ سائەت ئونغا قەدەر داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە مەركەزلەشكەن ئۇيغۇرلار توپى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلار تەكلىپ قىلىنغان.
ئېگىلىشىمىزچە، پائالىيەتتە ناخشا-ئۇسۇلدىن باشقا، شېئىر ئوقۇش ۋە ياخشىلىققا ئۈندەش خاراكتېرىدە پروگراممىلارمۇ ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلاردىن بەزىلەر ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق ھېيت بايرىمىنى ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىشتى.
.شۇ كۈنى يەنە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ياشاۋاتقان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز-ئارا پەتىلىشىش ئارقىلىق ھېيتلاشقان.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ پروگراممىمىزغا ئاۋاز قېتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە قانداق ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمگەنلىكىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىن ئۇيغۇر ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى يازار مىركامىل قەشقەرىي ئەپەندى ۋەتەنداشلىرى قاتارىدا ھېيتلىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەشھۇر تۆھپىكارلارنى ئەسلەش ئارقىلىق ئەۋلادلاردا ۋەتەن سۆيگۈسى تىكلەشنى ئادەت قىلىشنى تەكىتلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن سېراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى مەككىدىكى قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ قوش ئەۋزەللىكىنى بىلدۈردى ۋە ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنداشلىرىغا دۇئايى-سالاملار يوللىدى.
12-سېنتەبىر باشلانغان قۇربان ھېيت بايرىمى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. ۋەتىنى سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەنئەنىسىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يەرلەردە داۋام قىلىشتىن ۋاز كەچكىنى يوق. مەلۇم بولۇشىچە، ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جامائەت بولۇپ، توپلىشىپ پەتىلىشىش ۋە ئائىلىلەر بويىچە مەخسۇس پەتىلەش شەكلىدە داۋام قىلماقتا. كۈندۈزى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئالدىراش ئۆتۈۋاتقانلارمۇ، ئاخشاملىق ئارام ئىلىشلىرىنى ھېيتنىڭ خۇشاللىنارلىق تۇيغۇلىرىغا سەرپ قىلماقتا.