ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ئەزىز ۋەتەنداشلار!
بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ 2015-يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىرجىنىيە ۋە مارىلان شتاتلىرىدىن يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى فايرفاكس رايونىدىكى تۈرك جامەسىگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.
جامائەت نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە تەكبىر ئېيتىپ مەسچىتكە قەدەم باستى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغاقتىكى ھەرقايسى شتاتلىرىدىن يىغىلغان پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار ياش-ئۆسمۈرلەر ھەم بالىلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ھېيت نامىزىغا تەييارلاندى.
نامازدىن بۇرۇن نۇردۇن ھاجىم ۋەز ئېيتىپ، ھەجنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز قىلىنغانلىقى، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۇ يەنە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» لەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربان ھېيتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈن ئىكەنلىكى ۋە قۇربانلىق كېسىشنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.
قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇشىغا جامائەت نۇردۇن ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇئاغا قول كۆتۈردى. ۋەتەن ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەتلەر ئوقۇلدى. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ۋەتەن ئوغلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھدىن غەيرەت-جاسارەت ھەم سەبىر تىلىدى.
ھېيت نامىزىغا كەلگەن جامائەتتىن دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيت نامىزى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «بۇ يىل مەن بىرىنچى قېتىم قۇربان ھېيتنىڭ ۋەتەن بىلەن بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئادەتتە ھەر قېتىملىق ھېيت-ئايەملىرىمىز ۋەتەننى دۇنيادىن ئايرىپ، بىر كۈن بۇرۇن ياكى كېيىن ئۆتكۈزۈلەتتى. مەن ھېيت نامىزىغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر جايغا جەم بولغان ھەم بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇغان چاغدىكى ئاجايىپ جۇشقۇن كەيپىياتى ھەم چوڭقۇر ئىخلاسىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلاردا مىللىي ۋە دىنىي بۇرچ يولىدا ئىتتىپاقلىشالايدىغان، بىر جايغا جەم بولالايدىغان شۇنداقلا بىر تىنىقتىن نەپەس ئالالايدىغان يوشۇرۇن ئېنىرگىيەنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ…»
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا بولسۇن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن جامائەتلىشىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يىلدا ئىككى قېتىم كېلىدىغان ھېيت نامىزى ۋە باشقا مىللىي ھەم دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر جايغا جەم قىلىدىغان، ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان شۇنداقلا مىللىي ئۇيۇشۇشنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.