پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس ئايىمى قۇربان ھېيتىنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بويىچە كۆڭۈللۈك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلىش، ئۇلارنىڭ روھىغا خۇدادىن شادلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ھېيتلىشىپ، ھال ئەھۋال سوراش قاتارلىقلاردۇر.
قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان جەبەجى ئەسرى مازارلىقىغا بېرىپ، بۇ مازارلىققا دەپنە قىلىنغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.