ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى ۋە جەم بولۇپ بىرلىكتە قۇربانلىق قىلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان قويلارنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان قۇربانلىق قىلىش مەركىزىدە ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ قوي سويۇپ بېرىشى بىلەن قۇربانلىق قىلدى.

بۈگۈن قۇربان ھېيت بايرىمى يېتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى. قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ئاللانىڭ بۇيرۇقى بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ. قوي ياكى كالا دېگەنگە ئوخشاش ھايۋانلارنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاللانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار دوست-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قۇربانلىق قىلىنغان قوي ياكى كالىنىڭ گۆشى زىياپەت بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئورۇق-تۇغقانچىلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەم دوستلۇق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. قۇربان قىلىش ئىمكانى بولغان مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق قىلىش ئىمكانى بولمىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن قۇربانلىق قىلىش ئىمكانى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمۇ ھېيت بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

بۈگۈن يەنى 15-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت بايرىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ قۇربان ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەتىگەندە ئامىنە ئىنانچ جامەسىگە يىغىلىپ نەچچە مىڭلىغان تۈرك مۇسۇلمانلار بىلەن قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن ئۇيغۇرلار جامە ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆز ئارا سالاملاشتى ۋە بىر-بىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئاخىرىدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ دۇئا قىلدى.

ئامىنە ئىنانچ جامەنىڭ ئىمامى قۇربان نامىزى خۇتبىسىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ھېيت بايرىمى كۈنىدۇر. بايراملار ھايات يولىمىزدا رەببىمىزنىڭ بىزگە ئىلتىپات قىلغان قېرىنداشلىق ۋە خۇشاللىق مەۋسۇمىدۇر. ھېيتلىشىش ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە قېرىنداشلىق روھىنى كۈچەيتىشتە ئەڭ ياخشى ۋاسىتىدۇر. ھېيتلىشىش ئالدى بىلەن بىزدىن ياخشى دۇئا كۈتۈۋاتقان قەبرىستانلىقتىكى ئەجدادلىرىمىزنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلىنىشى كېرەك. قۇرئان ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ روھىنى شاد قىلىشىمىز كېرەك. كېيىن خۇشال بولۇشنى ئۇنتۇغان غەمكىن كۆڭۈللەرنى، بېسىم ئاستىدىكى يۈرەكلەرنى، چارىسىز ۋە يالغۇز قالغانلار بىلەن ھېيتلىشىش كېرەك. ھېيت خۇشاللىقىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش كېرەك. بايرام سىلە-رەھىم قىلىش دېمەكتۇر. يوقسۇللارغا، ئىگە چاقىسىز قالغانلارغا سىلە رەھىم قىلىش ئۇلارغا شەپقەت قىلىش، ئۇلارنى بايرامدا خۇشال قىلىش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئىمان خۇتبىسىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: ئەزىز قېرىنداشلىرىم، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشاللىقى دەپ قارالغان بۇ بايرامدا ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى زۇلۇمغا ئۇچرىغان، يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قالغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دۆلىتىمىزدە پاناھلانغان مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا قانچىلىك ياردەم قىلالىدۇق؟ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز، بېسىم، زۇلۇم ۋە شىددەت ۋە ئۆلۈم ئاسارەت ئاستىدا قالغان بىر ۋەزىيەتتە ئىكەن بىزنىڭ بايرام قىلىش ھەققىمىز بارمۇ؟ دەپ ئويلىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز تۈركىيەدە، كۆڭۈل جۇغراپىيەمىز بولغان بالقانلار، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا يوقسۇل ۋە ئېھتىياجلىق ئىنسانلار بار، بىزنىڭ ئۇلارغا سۇنغان قۇربان گۆشلىرى ۋە دۇئالىرىمىز ئەرشى ئەلاغا يۈكسىلىدىغان ئەڭ گۈزەل بايرام ھەدىيەلىرىمىز بولىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى قۇربان نامازدىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىن 50 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سەلىمپاشا رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان قۇربانلىق قىلىش مەركىزىگە يېتىپ باردى قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان قوي ۋە كالىلاردىن ئۆزلىرى تاللاپ سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلدى.

سەلىمپاشا رايونىدا 3 يىلدىن بۇيان ئابدۇلكەرىم ۋە ئابلىمىت قارىم قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلار 200 دىن ئارتۇق قوي بېقىپ ھەر يىلى قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىق قىلىش شارائىتى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۆزلىرى تاللىغان قوي ياكى كالىلارنى قۇربانلىق قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىلمۇ يەنى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپىنچە كىشىلەر سەلىمپاشادىكى قۇربانلىق قىلىش مەركىزىگە بېرىپ قۇربانلىق قىلدى.

بىز بىر يىلدىن بۇيان 200 دىن ئارتۇق قوينى بېقىپ، قۇربانلىق ئۈچۈن قوي تەييارلىغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇلكەرىم قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلكەرىم قارىم، بۇ يىل قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى 100 دىن ئارتۇق قوينى ساتقانلىقىنى كۆپىنچىسىنى ئۇيغۇرلار سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇربانلىق قىلىش مەركىزىگە تۈرك بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان. قۇربانلىق قوي سېتىۋالغانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلانغان بولۇپ، خالىغانلار ئۆزى سويۇپ، خالىغانلار ئۇيغۇر قاسساپلارغا ۋاكالەت بېرىپ سويدۇرماقتا ئىكەن.

ئەكبەرجان ئىسىملىك ئۇيغۇر قاسساپ بۈگۈن چۈشكىچە 50 دىن ئارتۇق قوي بوغۇزلاپ سويغانلىقىنى، ھەممىسىنى ئۇيغۇرلار سېتىۋېلىپ قۇربانلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا بوغۇزلاپ سويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋاكالەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار قۇرغان قۇربانلىق قىلىش مەركىزىگە بارغان كىشى بىر قاراشتا ئۆزىنى خۇددى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەلۇم قوي بازىرىغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، چوڭ قوتاندا 200 دىن ئارتۇق قويلار يۈگۈرۈپ يۈرگەن، ئۇيغۇر ياشلار قويلارنى قوغلاپ تۇتۇپ تاللاۋاتقان، بىر تەرەپتە تەكبىر توۋلاپ قوي بوغۇزلاپ سويۇۋاتقان، سويۇلغان قويلارنىڭ گۆشلىرىنى ماشىنىلىرىغا بېسىۋاتقان. مەيدان ئۈستىدە تۈرك بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان كۆرۈنۈش ئىنسانغا خۇددى ئۇيغۇر دىيارنىڭ مەلۇم بىر قوي بازىرىغا ياكى قاسساپ بازىرىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

بىز بۇ قۇربانلىق مەيدانىدا، بىر يىلدىن بۇيان 200 دىن ئارتۇق قوي بېقىپ قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئۇيغۇر قويچى ئابدۇلكەرىم قارىم ۋە بىر قىسىم قۇربانلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر قاسساپلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.