ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى خىتايدا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.08.21
qurban-heyt-2018-amerika-1.jpg ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قۇربان ھېيت نامىزىدا. 2018-يىلى 21-ئاۋغۇست.
RFA/Eziz

قۇربان ھېيت كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە قوشنا شتاتلاردىن كەلگەن جامائەت ئۇيغۇر ئىمامنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە تۈرلۈك مۈشكۈلاتلاردا سورۇقچىلىق تارتىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋەتەن تۇيغۇسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار مېھرىنى ئەڭ چوڭ ھېس قىلدۇرىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بولغان قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ زور پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئاساسلىق ئالاقە يوللىرىنىڭ توسۇۋېتىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ھېس تۇيغۇلارنىڭ بارغانسېرى كۆپ مۇھاجىرلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق ئىزتىراپلىق ھېس-تۇيغۇلار ئىسكەنجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى داۋام ئەتتۈرۈۋاتقان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسى بولغان ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا شتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن 21-ئاۋغۇست فايرفاكس شەھىرىدىكى «بېست ۋېستېرن» مېھمانخانىسىنىڭ زالىغا توپلاندى.

ئەتىگەن سائەت يەتتىدىلا ئۇيغۇرچە دوپپا ۋە ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى كىيگەن ھالدا زالغا كېلىشكە باشلىغان ئۇيغۇر جامائىتى ۋىرىگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىنىي زاتلىرىدىن نۇردىن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ دەسلەپكى سۈننەتلىرى قاتارىدا تەكبىر ئېيتقاچ نامازنى كۈتمەكتە ئىدى.

ناماز باشلىنىش ئالدىدا نۇردۇن ھاجىم سۆز ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىلىق قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش بۇ دىنىي بايرامنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا قۇربانلىق قىلىشتەك پەرزنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمانلىقنىڭ بىر مۇھىم نىشانى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. . كېيىن ئەر ۋە ئايال ئۇيغۇر جامائىتى سەپ تۈزۈپ نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىماملىقىدا قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

نامازدىن كېيىن نۇردۇن ھاجىم بۇ قېتىملىق ھېيت نامىزىنىڭ تەبلىغى سۈپىتىدە «ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولماسلىقى لازىم» دېگەن تېما بويىچە سۆز قىلدى. نۇردۇن ھاجىم ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىدىن ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ھەقىقىي ۋەقەلەردىن مىساللار كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىنساننىڭ ھېچقاچان ئۈمىدسىز بولماسلىقى لازىملىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر پۈتۈن پاجىئە ئالدىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقى لازىملىقىنى، ئۈمىد يوقالمىغاندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆز ئانا ۋەتىنىنى ئۆز قولىغا ئېلىشى مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نامازدىن كېيىن جامائەت نۇردۇن ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

بۈگۈنكى ھېيت نامىزىغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سېخىيلىقى بويىچە ھېيتلىق داستىخانلىرىنى ئالغاچ كەلگەن ئىدى. نامازدىن كېيىن جامائەت ھېيتلىق مەزەلەر بىلەن ناشتا قىلغاچ ھال-مۇڭ قىلىشتى. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۇيغۇرنىڭ كۈيئوغلى» دەپ ئاتىلىدىغان ئادۋوكات دانيېل ئەپەندى ئۆزىگە ياراشقان ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن ناماز باشلانغاندىن تارتىپ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. بىز ئۇنىڭدىن قانداقلارچە بۈگۈنكى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ھازىرقى مەزگىلنى بىر «سىناق مەزگىلى» دەپ قارىغانلىقىنى، شۇڭا ئائىلىسى بىلەن بۈگۈنكى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«بۈگۈن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم. بۇ بىر ئائىلىۋى ۋە دىنىي يىغىلىش سورۇنى. شۇڭا بىز بۇلاردىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ بۇ جامائەتكە قوشۇلدۇق. يەنە كېلىپ بۇ ھال بۇ جايدا مۇھاجىر بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆملۈكتە ئىش كۆرۈشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىرقى ئەھۋالنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق مەزگىلى دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ھازىر بىزنى بىز ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان خىرىسلارغا مەھكۇم قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر ئۆملۈكنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىساق ئارزۇ قىلغان ئىشلىرىمىزنى قىلالمايمىز.»

ۋاشىنگتوندىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ھېيت نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇيغۇرلۇق مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ يارقىن شولىسىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بىلەن بۇ قېتىمى قۇربان ھېيت نامىزى پائالىيىتىنى تەشكىللەشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر ھەققىدە سۆزلەشكىنىمىزدە ئۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ رېئال قىممىتى زور، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئىمامنىڭ ئىماملىقىدا ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دەرۋەقە ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇۋاتقاندا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يېڭى ھاياتلىق ماكانى بولۇپ قېلىۋاتقان غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىك مۇھىتتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەر خىل ئىرقتىكى خەلقلەر ھېچقانداق چەكلىمىسىز ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان، يەنە كېلىپ شۇ دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ خىلدىكى ھېيت-بايراملار ئۈچۈن تەبرىك سۆزلىرىنى يوللاۋاتقان ئەھۋال ئەمەلىيەتتە ھەممىلا كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ھادىسىدۇر.

شۇ قاتاردا بۇ يىلمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو 2018-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا تەبرىك يوللاپ، قۇربان ھېيتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مېھرى-مۇھەببەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان بىر مۇھىم كۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ۋاكالىتەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قۇربان ھېيتلىق تەبرىكنىڭ خىتايچە تەرجىمە نۇسخىسى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىگە چاپلانغان بولۇپ، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.