يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ۋە شۇنداقلا رامزان ئېيى باشلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا ئىنتايىن كەڭ ئىنكاس قوزغاپ، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر، خەۋەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. مەسىلەن بۈگۈن، ھىندونېزىيەنىڭ خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان مىراج ئاگېنتلىقىدا خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەيدىغان بىردىن-بىر دۆلەت تېمىسىدا بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى.
خەۋەرنىڭ ئاپتورى سيارىف ھىدايەت بۇ خەۋەرنى ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسىلە ھەققىدىكى بايانلىرى ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان:
-غەربتىكى خرىستىئانلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان پۇقرالار ئەركىن روزا تۇتۇش ۋە باشقا دىنىي قائىدىلەرنى بەجا كەلتۈرۈش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شارائىتتا، دۇنيادا پەقەت كوممۇنىست خىتايدىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئۆز پۇقرالىرىنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىشى بىر يېڭى خەۋەر ئەمەس، ئەمما ئۇلار رامزان كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان چەكلىمە ۋە بېسىمىنى قاتمۇ-قات ئاشۇردى.
مۇخبىرنىڭ ماقالىسىدە قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ۋە بۇ ۋىلايەتلەرگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە كادىرلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەيدىغان، رايون تەۋەسىدىكى ئاشخانىلارنى رامزان بويىچە بىر كۈنمۇ توختاتماي ئېچىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا چاپلاپ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىلار گەرچە خېرىدار كىرمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئاشخانىلىرىنى كۈن بويى ئوچۇق تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. مۇخبىر بۇ ئاشخانىلارنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاشپەزلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپلا تاماق چىقىرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزى قىلغان تاماقنىڭ تەمىنىمۇ تېتىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئەمما ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققانلىقتىن مۇخبىردىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى ئۆتۈنگەن. مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 20 ياشلاردىكى بىر ئوقۇغۇچىسى ھەر قېتىم رامزان مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋاملىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تاماق يەيدىغانلىقىنى، مەكتەپنىڭ بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەتىگەندە تاماق يەۋاتقان-يېمەيۋاتقانلىقىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
ئاپتور ماقالىسى داۋامىدا، ھەرقايسى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ باياناتىغا يەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن رايوندا توختىماي ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ قانلىق بىر قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بۈگۈن يەنە ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان مالىيە ۋاقتى گېزىتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇخبىر بېن مارىنو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى رامىزانغا زەربە بەرمەكتە» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامزان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىر بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر پروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرغا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەيدىغان سىياسەت-تۈزۈملىرىنىڭ دائىرىسى ۋە تۈرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ۋە تۈرلۈك كان بايلىقلىرىغا باي زېمىن بولغان ئۇيغۇر ئېلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا رادىكال ئىسلامچىلارنى ۋەقەنىڭ جاۋابكارى، دەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزاسى يۈ جېڭشىڭ ۋەقەلەردىن كېيىنكى باياناتىدا، تېررورچى گۇرۇپپىلارغا ۋە رادىكال تەشكىلاتلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رايونغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن.
مەزكۇر ماقالىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۇلىننىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا «خىتاي ھۆكۈمىتى رامزان ئېيىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيىگە سادىقلىقىنى ئۆلچەيدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇلار ئادەتتە ئۇيغۇرلارغا ھەتتا پارتىيە ئەزاسى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار رامزان ئېيىنى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك سادىقلىقىنى ئۆلچەيدىغان سىناققا ئايلاندۇرۇۋالدى» دېگەن.
مۇخبىر ماقالىسىدە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش بېسىم ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىن ھالدا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ماقالىسىنى پروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان:
-ئۇيغۇرلار نىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە بولغان تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، بېسىم ئېغىرلاشقانسېرى دىنمۇ كۈچىيىپ كەتتى. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئەكسىچە دىن بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا.