دائىرىلەرنىڭ 1 - ئىيۇل پارتىيە بايرىمى باھانىسىدىكى پائالىيەتلىرى «رامىزانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00


خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1 - ئىيۇل پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش نامىدا، ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسىنى مەدھىيىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش، پارتىيە نىزامنامىسى ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. دائىرىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئېيى بولغان رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەندىن باشقا، يېزىلاردىكى دېھقان ياشلىرى، ھەتتا ئىلگىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغان مويسىپىتلارنىمۇ يىغىۋېلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، مەزكۇر يېزىدا پەيشەنبە كۈنى كەچتە شۇ يېزىدىكى ياشلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن خور ئۆمىكى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلۇشىدا 1 - ئىيۇل پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئەمما ئۆزىگە ئوخشاش كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ 1 - ئىيۇل خىتاي كومپارتىيىسى بايرىمى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلدى. شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 30 - ئىيۇندىكى بىر خەۋىرىدە جىمىسار ناھىيىسىدە 10 مىڭ كىشى يىغىلغان قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 95 يىللىقى خاتىرىلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان يەنە بىر خانىم، ئۇنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە مەھەللىدىكى ياشلارنىڭ رامىزان كىرىشى بىلەنلا يىغىۋېلىنىپ قىزىل ناخشا خور ئۆمىكىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا قىزىل ناخشا ئېيتىش سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مەزكۇر يېزىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە دېھقانلارغا كومپارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئىلگىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلىگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پارتىيە نىزامى ئۆگىنىش، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ياش كادىرلارغا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق چاي زىياپەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى.

دائىرىلەرنىڭ رامىزان مەزگىلىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھەر خىل باھانىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلقى رامىزان مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىزىل ناخشا ئېيتىش، كومپارتىيە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان پائالىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى دىنىي زاتلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننىڭ 26 كۈنىنى تاماملاپ، 27 - كۈنىدىكى شىۋى قەدىر كېچىسىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدىكى بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1 - ئىيۇل پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش نامىدا ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىبادەتلىرى ۋە شىۋى قەدىر كېچىسىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر خىل تەقىبلىرى ۋە بېسىملىرى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان رامىزان ئېيىنىڭ ساۋابى ۋە خاسىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغلۇقىنى تەكىتلەپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر خىل باھانە، يولسىز مەجبۇرلاشلار، تەھدىتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شۇ كىشى ئۆز ئەقىدىسى ۋە نىيىتى بىلەن باشلىغان روزىنى بۇزمايدىغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىلا، ئۇنىڭ روزىسى ۋە دۇئاسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.