ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى، يېقىنقى 20-30 يىل مابەينىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەردە تەدرىجىي ھالدا جامائەت توپلىرى ھاسىل بولۇشقا باشلىدى، يېڭى بوغۇنلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىشىغا ماس ھالدا غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكى، ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ مەۋجۇت شارائىتقا ماسلاشقان ھالدا ئۆز مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بېرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىپ، رەڭدار پائالىيەتلىرى بىلەن ياۋروپادىكى باشقا ئۇيغۇر توپلۇقلىرىغا ئۆرنەك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مۇبارەك رامىزان ئېيىدا توپلىشىپ ئىپتار قىلىش، ئىپتاردا دىنىي تەبلىغنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەرخىل ئىجتىمائىي تېمىلارنىمۇ ئوتتۇرىغا تاشلاپ، مۇھاكىمە قىلىشتەك ئىپتار سۆھبەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ئارقىلىق چوڭلار ئۆرنەك بولۇپ، بالىلارغا جامائەتلىشىش يولى، جامائەت قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشلەر يۇقىرىقىدەك ئىزدىنىشلەرنىڭ بىر قىسمى.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي ۋە سىياسىي ئەربابلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئابلىمىت تۇرسۇن ۋە ئىليار ئۆمەر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، رامىزاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىپتار سۆھبەتلىرى ۋە تۈرلۈك جامائەت پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىنى چىڭىتىش بىلەنلا قالماستىن، بالىلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت،ئېتىقاد جەھەتلەردىن ساغلام يېتىلىشىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بولسا، ھەر يىلى رامىزاندا توپلىشىپ ئىپتار قىلىشتەك ياخشى بىر ئادەتنىڭ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئىپتار سۆھبەتلىرىدە نېمىلەرنىڭ سۆزلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئەۋلادلارنى مىللىي خاسلىققا ئىگە قىلىپ يېتىلدۈرۈش يولىدا چوڭلارنىڭ ۋە جامائەت سورۇنلىرىنىڭ رولى، ۋەزىپىسى شۇنداقلا بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئىليار ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئازادە كەيپىيات ئىچىدە رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى قىممىتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 150 ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 گە يېقىن ئۇيغۇر ميۇنخېندا ياشايدۇ. قالغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ زور كۆپچىلىكى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت، كارلسرۇھە شەھەرلىرىدە ۋە نورتغايىن-ۋەستفالىن ئۆلكىلىرىدە ياشايدۇ. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ، خىزمەت ۋە تىجارەت جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھازىرغا قەدەر 35 ئەتراپىدا رېستوران، ئاشخانا ئېچىلىپ، يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، گىمنازىيە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتۈش نىسبىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.