ئۇيغۇرلار دائىرىلەرنىڭ رامزان مەزگىلىدىكى چەكلىمىلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق رامزان مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە رامزان مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمە ۋە باستۇرۇشىنى يىللاردىكىدىن كۈچەيتكەنلىكى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلار غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر خىتايدىكى تۇڭگان قاتارلىق باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن كەڭ سىياسەت قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلىرىنى بارغانچە كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان بىرەيلەن دائىرىلەرنىڭ رامزان مەزگىلىدە غۇلجا شەھىرىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غۇلجا خەلقىنىڭ بۇ يىلقى رامزاننى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ جىددىي بىر كەيپىياتتا كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

8-ئىيۇل رامزان كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق خىزمىتى تەكىتلىنىپ، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەر ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋال خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە دائىرىلەرنىڭ رامزان مەزگىلىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىلقى رامزان يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل باستۇرۇشلار دائىرىلەرنىڭ رايون مۇقىملىقىدىن زىيادە ئەنسىرىشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ كىشى غۇلجا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، غۇلجا شەھىرىدە مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا كوچا چارلاپ يۈرگەن تانكىلار، قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كوچا چارلىغۇچى ساقچىلارنىڭ نۇقتىلىق ھالدا بېشىغا رومال ئارتقان ئاياللارنى، ساقال قويغان ئەرلەرنى توسۇپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بايانىدا، نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلمىغاندىن باشقا، ئادەتتىكى ئاممىنىڭمۇ رامزان مەزگىلىدىكى ئىپتارلىق چاي بېرىش، خەتمە قۇرئان ئوقۇتۇش قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، بۇ كىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل چەكلەش ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ خىل چەكلىمىلەر مۇشۇنداق داۋاملاشسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.