بۇ يىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ مەخسۇس تەكلىپى بىلەن كېلىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانلىقى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90-يىلىدا، 11-رەئىس جۇمھۇر ھەج قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىدە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90-يىلىدا، 11-رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللا گۈل ھەج قىلدى» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىندىن خالى ھاكىمىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر رەئىس جۇمھۇر مەنسەپتە تۇرۇپ ھەج قىلىپ باققان ئەمەس. تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ رەئىس جۇمھۇرلۇق مەنسىپىدە تۇرۇپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانلىقى تۈركىيەنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىگە قاراپ توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. تۈركىيەدىكى ۋە چەتئەللەردىكى بەزى مۇتەپەككۇرلار ئابدۇللا گۈلنىڭ نۆۋەتتىكى ھەج پائالىيىتى ئادا قىلغانلىقى، دىندىن خالى دۆلەت (لايىقلىق-سېكولارىزم) تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىدە خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىكرەت ئۆزەر مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللا گۈلنىڭ مەنسەپتە تۇرۇپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ دىندىن خالى دۆلەت تۈزۈمىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەنىڭ دىنغا قارشى بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى، ئابدۇللا گۈلنىڭ دىندىن خالى بولغان دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغانلىقى ئۇنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
تۈركىيە بارچە ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۆزىدە
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىدە «ئوسمان ئېمپىرىيەسى يىقىلغاندىن بىرى مەنسىپىدە تۇرۇپ ھەج قىلغان تۇنجى رەئىس جۇمھۇر» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«تۈركىيەدە ئوسمان ئېمپىرىيەسى ئۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى لايىقلىق دۆلىتى ئالغان ئىدى. يېقىنغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بارچە ئىسلام ئەللىرى دىنغا قارشى بىر دۆلەتكە قارىغاندەك قارايتتى، بەزىلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ ئوخشىتاتتى، ئىشقىلىپ تۈركىيەنىڭ ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ نەزىرىدىكى سۈرىتى شۇنداق ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ تۈركىيە ئۆزىنى بىر مۇسۇلمان دۆلىتى سۈپىتىدە ئىسپاتلىدى ۋە باشقىلارنىمۇ قايىل قىلدى. تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئابرۇيىنى تېخىمۇ كۆتۈردى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولدى. بۇ يىلقى ھەجگە پاكىستاننىڭ، ماۋرىتانىيەنىڭ ۋە سۇداننىڭ رەئىس جۇمھۇرلىرىمۇ كەلگەن بولسىمۇ، ئابدۇللا گۈلنىڭ كەلگەنلىكى كۆپرەك دىققەتنى جەلپ قىلغان ۋە ئەرەب-ئىسلام مەتبۇئاتلىرىمۇ ئەڭ كۆپ ئابدۇللا گۈل ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان. بۇ دېگەنلىك تۈركىيە بارچە ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۆزىدە دېگەنلىكتۇر.»
تۈركىيە لايىقلىق بىلەن ئىسلامنى تەڭ ئېلىپ بارغان دۆلەت
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ھەجگە كەلسە نېمە ئۈچۈن ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىكەن؟ تۈركىيە مۇسۇلمان دۆلىتى، رەئىس جۇمھۇرمۇ مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بەلكى شۇنداق بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. چۈنكى تۈركىيە لايىقلىق بىلەن ئىسلامنى بىر-بىرىگە زىت قىلىپ قويماستىن، تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان، دېموكراتىيە دېسە، ھەقىقىي دېموكراتىيىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئىسلام دېسە، ھەقىقىي مۇسۇلمانچىلىقنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھەق-ھوقۇق دېسە، ھەممىنى تولۇق تاپقىلى بولىدىغان بىر ئىلغار دۆلەت. مۇنداق بىر دۆلەتنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ھەج پەرزىنى ئادا قىلسا، ئەجەبلىنىپ كېتىش ھاجەتسىز. بەلكى ھەج قىلمىغانلار ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىش لازىم. چۈنكى ھەج دېگەن ئاللاھ تائاللا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان بىر مۇھىم ئىبادەت. مۇسۇلمان بولغان ئادەم مەيلى رەئىس بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن، قۇدرىتى يەتسە ئۇنى چوقۇم ئورۇندىشى لازىم.»