روزىنىڭ سىر - ئەسرارلىرى

رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي تەربىيە ئېلىش ئېيىدۇر. بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورنى بولغان بىر ئاي بولۇپ، ئۇنى قەدىرلىمىگەنلەر ئۈچۈن بۇ ئاينىڭ باشقا ئايلاردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد ئەرىفى «ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«روزىنىڭ روزا تۇتقۇچىدا گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىشىدە شەك يوق. بۇنىڭ شەرتى روزىنى بىردىنبىر روھىي تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى دېگەن ئېتىقاد بىلەن، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇشتۇر. رامىزان ئېيى باشتىن ئاخىر رەھمەت ئېيىدۇر. رەھىم - شەپقەت قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئاتا قىلىۋاتقان سانسىز رەھىم - شەپقەتلىرىنى تونۇش ئېيىدۇر. رامىزاندا باي - گاداي، رەئىس - پۇقرا ھەممىسى ئاچلىقنىڭ، ئۇسسۇزلىقنىڭ دەردىنى چېكىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ۋاقىتتا بۇلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىق دەردىنى چېكىشتە باراۋەر بولالمايدۇ. چۈنكى بايلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋاقتى - سائىتىدە تەييارلانغان بولىدۇ. ئەمما يوقلارنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار بولمايدۇ. بىراق رامىزاندا ھەممىسىنىڭ يېمەك - ئىچمىكى بىرلا ۋاقىتتا تەييار بولىدۇ، توقلۇقنى، ئاچلىقنى بىرگە چېكىدۇ. شۇڭا بايلاردىن ئىبرەت ئالىدىغانلار بۇ ئايدا يوقسۇللارنىڭ، يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، يىل بويى يوقلۇق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ - دە، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ياردەم قىلىش ۋە يۈكلىرىنى بىرگە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىسلامىي ھەمكارلىقنى ئۆگىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بىرەر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغان ئادەم ئۇنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ ساۋابىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ». بۇ ھەدىس يوقسۇللارغا ياردەم قىلىشنىڭ، ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇشنىڭ خۇددى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رامىزاندا يوقسۇللارنى ئىپتار قىلدۇرغان ئادەم شۇنداق ساۋابقا ئېرىشسە، باشقا ۋاقىتلاردا يوقسۇللارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلىغان ئادەم ساۋاب تاپمامدۇ؟ ئەلۋەتتە تاپىدۇ. بۇ ھەدىس بىزگە ياردەم قىلىشنى ئۆگەتمەكتە. رامىزاندىن ئىبارەت بۇ ئىلاھىي مەكتەپتە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆگەنگەن ئادەم رامىزاندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىنى تاشلىۋەتسە، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلمىسا بولامدۇ؟ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىغا كىرىپ، دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن ئادەم شۇ ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۇنىڭ دوختۇرلىقىنىڭ كىمگە پايدىسى بولىدۇ؟ ئالغان بىلىمى پايدىسىز قالغان بولمامدۇ؟ روزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، بىر ئايلىق روزا تۇتۇش جەريانىدا ئادەتلەنگەن ۋە ئۆگەنگەن ياخشى ئىشلىرىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىشقا سالالىغان ئادەملەرلا غەلىبە قىلىدۇ.»

رامىزان روزىسى بىر تۈرلۈك سىناقتۇر

ئەللامە مۇھەممەد ئەرىفى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«بۇ ھاياتلىق سەپىرى بىر تۈرلۈك سىناقلار دۇنياسى بولۇپ، ئادەم ھەر ئاندا سىناقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا يوقسۇل بەندىلىرىنىمۇ باي قىلىۋېتىشكە قادىر. بەندىلىرىدىن يوقسۇللارغا ياردەم قىلىشىنى سورىماستىنلا ئۆزى ياردەم قىلىشقا قادىر. ئەمما بۇ دۇنيا سىناق دۇنياسى بولغانلىقتىن، ئىنسانلارنى سىنايدۇ ۋە شۇ سىناقلاردىن سالامەت ئۆتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. رامىزان ئېيى سىنالغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. بۇ ئايدا ئاللاھ تائالانىڭ سىناقلىرىدىن تولۇق ئۆتۈپ ئۇنى رازى قىلغانلار ئىرادىسىنى بۇشاشتۇرمىسلا، كېيىنكى سىناقلاردىنمۇ سالامەت ئۆتۈپ كېتىدىغانلار قاتارىدىن بولالايدۇ. ئەمما رامىزاندا ناھايىتى ياخشى، مۆمىن، مۇسۇلمان، رامىزاندىن كېيىنلا ساختىپەز، ئالدامچى بولۇپ كەتكەنلەر سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەردۇر. ئۆز - ئارا ھەمكارلىق، بىر - بىرىگە ياردەم قىلىش ۋە يوقسۇللارنى يۆلەش ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىرىقلىرىدىن بىرى ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ:«سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگىچە مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىس ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلارنى ۋە ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاتا - ئانىغا قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ غەمىنى يېيىش، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، مۇسۇلمانلارغا ياخشى نەسىھەت قىلىش، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا سىلە - رەھىم قىلىش، ياخشى ئىشلارغا ياردەملىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىدۇر. بۇ خالىسانە خىزمەت ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن بەلگىلەنگەن دىني ۋە ئىنسانىي خىزمەتلەردۇر.»

مۇسۇلماننىڭ قەدىر - قىممىتى ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچىش بىلەن بولىدۇ

ئەللامە مۇھەممەد ئەرىفى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«مۇسۇلماننىڭ قەدىر - قىممىتى ئۆز نەپسىدىن كېچىپ باشقىلارنىڭ غەمىنى يېيىشتىكى دەرىجىسىگە قاراپ دەرىجىلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەر بۇ ماۋزۇدا ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەق دىنىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش يولىدا يەھيا ۋە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش سۇيىقەستلەرگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش نۇرغۇنلىرى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلانغان. ئۇلار ئىنسانىيەتكە ئاللاھنىڭ ھەق دىنىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا خىزمەت قىلىش يولىدا ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان زاتلار ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىبىلىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ۋە ئۈلگىلىرىدۇر. ئەشۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىنلەردىن ئاللاھ تائالا شۇ پىداكارلىقلارنى ئۆگىنىشنى ۋە قولىدىن كەلگەنچە پىداكارلىق كۆرسىتىشنى تەلەب قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرلەردەك بولالىشى ناتايىن. ئەمما ئۇلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۈلگە قىلالىغانلىرى تەلەپنى ئورۇندىغان بولىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلار پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشىسا، مۇسۇلمانلار باشقىلار ئۈچۈن ياشايدۇ، ئۇلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش يولىدا ياشايدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ پەرقى مانا مۇشۇنداق مۇھىم مەسىلىدە ئايرىلىدۇ.»