خوتەندىكى خىتاي كادىر: «خوتەندە ھازىر ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار روزا تۇتمايدۇ، نامازغا بارمايدۇ»

0:00 / 0:00

مۇسۇلمانلارنىڭ 2018-يىللىق روزا ھېيت نامىزى 15‏-ئىيۇن كۈنى ئوقۇلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بۇ يىللىق روزا ھېيت ھارپىسىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، مەسچىتلەردە 24 سائەتلىك تەقىب قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 10-ئىيۇندىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، بۇ يىللىق روزا ھېيت ھارپىسىدا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايولاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 1‏-ئىيۇن چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل ئېلىنىپ، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ چوقۇم كىنىشكا ئېلىشى كېرەكلىكى، كىنىشكىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگاننىڭ تەستىقلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىكى « روزا ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى 24 سائەت نازارەت قىلىش» بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، نۆۋەتتە قاتتىق تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزدىن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىخشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى.

ئۆزىنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ كادىرى دەپ تونۇشتۇرغان خىتاي كادىر، مەسچىتلەرنىڭ 24 سائەت نازارەت قىلىنىش بەلگىلىمىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى دىنىي ئىشلار ۋە مىللىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل خادىملاردىن سورىشىمىزنى ئېيتتى.

ئەمما ئۇ يەنە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى يىلدىن بۇيان خوتەندە بارغانچە كۈچەيتىلگەن تەشۋىقات خىزمىتى ۋە سىياسىي تەربىيەلەش نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە خوتەندە ئىلگىرىكى يىللاردىكى دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتىغا خاتىمە بېرىلىپ، «ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار روزا تۇتمايدىغان، مەسچىتكە كىرمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولغانلىقى»نى بىلدۈردى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» خەۋىرىدە «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىننىڭ مەزكۇر گېزىتكە بەرگەن باياناتىدىكى «روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر مەسچىت ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا توپلىنىدۇ. شۇڭا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش زۆرۈر» دېگەن سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان.

مەزكۇر گېزىت خەۋىرىدە يەنە بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ، مۇسۇلمانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن ھالقىپ، نۆۋەتتە يەنە خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ يولغا قويۇلۇشىغا، گۇاڭجۇ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە يېقىنقى مەزگىللەردە سودا-تىجارەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كەلگەن چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ نىسبەتەن كۆپەيگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن. بۇ گېزىت خەۋىرىدە يەنە بۇ يىل گۇاڭجۇ شەھىرىدىلا روزا ھېيتى ئۆتكۈزىدىغان چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭلا 2500 ئەتراپىدا بولغىنى ئۈچۈن، گۇئاڭجۇ شەھىرىدىكى شەنشەن قاتارلىق تۆت چوڭ مەسچىتتە 24 سائەتلىك نازارەت سىستېمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى ئەسلىدىنلا دىنىي ئېتىقاد قاتتىق تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىغا تېخىمۇ چوڭ توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار مۇدىرى، دىنىي ئۆلۈما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھېيت نامازلىرىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تىزىملىنىپ، مەسچىتلەرنىڭ 24 سائەت نازارەت قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ۋە ئۆز ئارزۇسى بويىچە مەستچىتلەرگە بېرىپ، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت نامازلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن.

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ ۋېيچۈن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، گەرچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەزى ئۆلكىلەردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەسچىتلەرنىڭ ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتايدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يىللاردىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد ئەڭ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان جاي دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنمەكتە.
ئىلگىرىكى يىللاردا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەسچىتكە كىرگەن ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە نازارەتچى قويۇش، رامىزان مەزگىلىدە ئىدارە-مەكتەپلەردە روزا تۇتماسلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى.

بولۇپمۇ 2016-يىلدىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مىللىي كىملىكى ئېڭى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى قاتتىق دەخلى-تەرىزگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ساقچى دۆلىتىلىك نازارەت سىستېمىسى يۈرگۈزۈلۈشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.