ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى مىسىر، پاكىستان، قىرغىزىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇشۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئەلچىخانىسىغا كەچلىك زىياپەتكە دەۋەت قىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت ھازىر شىۋېتسارىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى پاكىستاننىڭ مەركىزى ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا 3-دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى بىلەن دىپلوماتىيە ۋەزىپىسىدە بولغان خىتاينىڭ سابىق دىپلوماتىيە خادىمى كېرەم شەرىف ئەپەندىم بىلەن ئەينى يىللاردا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيت زىياپىتى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، سابىق دىپلومات كېرەم شەرىف بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.