خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي بايرىمى بولغان روزا رامزان مەزگىلى بولسا دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىدىن باشقا نورمال ئىجتىمائىي ھايات پائالىيەتلىرىگە قەدەر ئەڭ ئېغىر چەكلەيدىغان پەيتى. رامزان مەزگىلىدە مۇسۇلمان ئاشخانا ۋە رېستورانلارنىڭ سودا توختىتىشىغا مەجبۇرى يول قويماسلىق ئەنە شۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا بۇ يىل دائىرىلەر رامزان كېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇنلا ئۇيغۇر ئاشخانا رېستورانلىرىغا رامزاندا ئاشخانىنى تاقىماسلىق بۇيرۇقىنى تارقىتىشقا باشلىغان. رامزاندا ئاشخانىلار سودا توختاتقاندا دائىرىلەرنىڭ جەرىمانە ۋە جازاسىغا ئۇچرىسا، توختاتماي داۋاملىق ئاچقاندا خېرىدار كىرمەي بەرىبىر سودا بولمىغانلىقتىن، ئوخشاشلا زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
بۇ يىل رامزان 8-ئىيۇل باشلىنىدۇ، دائىرىلەر ھازىردىن باشلاپلا روزا رامزاندىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش نىزاملىرىنى قايتىدىن چىڭىتىشقا ۋە بەزىبىر بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى، بۇ 23-ئاپرېلدىكى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ جىددىي تۈس ئالغانلىقى مەلۇم. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە يېزا بازارلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلىرىدىن باشقا يۈرۈش تۇرۇشلىرىمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمانچە ئۇيغۇر ئاشخانا، رېستوران، تېز تاماقخانا خوجايىنلىرى بۇ يىلقى روزا مەزگىلىدە سودا توختاتماسلىق كېلىشىمىگە قول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان، خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى گەرچە ھەر يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل توختاملىرىغا قول قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قېتىم بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خوجايىن يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ئېغىر دىنىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك ئايالى ۋە نارەسىدە قىز پەرزەنتىنىڭمۇ بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خوجايىن يىللاردىكىگە قارىغاندا خوتەندە بۇ يىلقى دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، روزا رامزاندا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ چىڭىپ كېتىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ مەيلى ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتتىن زىيان تارتسىمۇ، ئاشخانىنى شەكىلگە ئېچىپ قويۇپ شەرىئەتتىن يانمايدىغانلىقىنى ھەم نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمەلىيەتتە دىنىي ئېتىقاد دېگەننى قانچە كۈچلۈك باستۇرغانسېرى شۇنچە كۈچىيىدىكەن، نارازىلىقتىن باشقا نەتىجە ئېلىپ كەلگىنىنى كۆرمىدىم» دەيدۇ.