خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق رامزان مەزگىلىدە، خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قاراتقان تۈرلۈك چەكلىمىلىرى ۋە باستۇرۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلاردىن تۇڭگان قاتارلىقلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن كەڭ سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
8-ئىيۇل رامزان كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق خىزمىتى تەكىتلىنىپ، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەر ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتتى. بۇ خىل ئەھۋال خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە دائىرىلەرنىڭ رامزان مەزگىلىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىلقى رامزان يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل باستۇرۇشلار دائىرىلەرنىڭ رايون مۇقىملىقىدىن زىيادە ئەنسىرىشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئەنگلىيە«ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» دە 17-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان«خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان پائالىيىتىنى باستۇرماقتا» ناملىق خەۋەر ئانالىزىدا 6-ئاينىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ،ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى» دېگەن بايانلار بېرىلدى. خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېچۇئېلىننىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا پەقەت ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا كومپارتىيە ئەزالىرىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا رامزان ئېيى ھەر بىر ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ كومپارتىيىگە سادىقلىقىنى سىنايدىغان ئۆلچەمگە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان دىنىي جەھەتتىكى چەكلىمىلەر ئىنتايىن ئاز» دېيىلدى.
«چوڭ ئىرا تور گېزىتى» دە دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان«شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىغا كىردى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى رامزان مەزگىلىدە چۈشلۈك تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق روزا تۇتقانلارنى جازالاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراتقان نازارەتلىرى بارغانچە كۈچەيدى. رامزان ئېيىدا، مەسچىتلەردە ياكى ئائىلىلەردە يىغىلىپ كوللېكتىپ ھالدا رامىزانلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلار تۇتقۇن قىلىنماقتا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى ۋە قۇرئان ئوقۇشى چەكلەنمەكتە» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى، 26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ۋەقەسىدىن بۇيان قايتىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بېرىپ، رامزان مەزگىلىدە ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەقىپنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىككى نەپەر دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى خادىمنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن يەنە «سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» كە باشلىغانلىقىنى، شۇڭا مۇخبىرنىڭ رەسمىي زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئەپسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رامزان كىرگەندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بولسا، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىدىغان خەۋەرلەر بېرىلىش بىلەن بىللە ،يەنە «ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپەيدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى خۇ خەنمىڭنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنى روزا تۇتماسلىققا دەۋەت قىلىشى،ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشىراق تاماقلىنىش شارائىتى يارىتىش مەقسىتىدە بولدى» دېگەن چۈشەندۈرۈشى نەقىل ئېلىنىپ، دائىرىلەرنىڭ رامىزاندا يولغا قويغان چەكلىمىلىرى ئاقلاندى. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 16-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتى ئۈچۈن يەرلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن نازارەت دەرىجىلىك كادىرلاردىن شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئەزىز قىيۇم قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۇچاردىكى پائالىيەتلىرى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە 15-ئىيۇل كۈنى كۇچار ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە روزا تۇتمىغانلىقى، كادىرلارنىڭ ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى، ھەر بىر كادىرنىڭ يەنە رايوندىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.