روزىنىڭ ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى

0:00 / 0:00

«ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى»دەپ ئاتالغان رامزان ئېيى يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئېلىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە ۋە تۈركىيىدە 9-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىر قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە 10-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى.

دېمەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامزان ئېيىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالماقتا.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالىي«مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان«ھەر يىلى بىر ئاي روزا تۇتۇش ئىسلام پەرزلىرىدىن بىرى بولۇپ، روزا ئەينى ۋاقىتتا ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش رولىغا ئىگە. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەرنى ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش، روھىنى يۈكسەلتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇغان بولۇپ، ئىبادەت بىلەن ئەخلاق يېتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىلگەن بويىچە، تولۇق ۋە تەلەپكە لايىق ئورۇندىغىنىدا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى پارلاپ نۇرلىنىدۇ، پەزىلەت ۋە ئەخلاقتىن بولغان نېسىۋىسى كۆپىيىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە روزىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكتۇر. روزا تۇتقان ئادەم كۆپلىگەن دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلارغا ئېرىشكىنىدىن تاشقىرى، چىدامسىزلىق، سەۋرسىزلىك، بېخىللىق، ئىسراپخورلۇقلارغا ئوخشىغان يامان ئەخلاق ۋە ناچار قىلىقلاردىن نەپسىنى پاكلاش، مەردلىك، سېخىيلىق، سەۋرچانلىق قاتارلىق ئېسىللىككە ۋە پەزىلەتكە قاراپ يۈكسىلىش قاتارلىق نەق پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئىنسان روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر مەخلۇقات بولغانلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى، خۇسۇسەن روزا تۇتۇش جەريانىدا ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتقنىدىن كېيىن، يىل بويى توقلۇقتىن ئىبارەت نېمەتنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدۇ، بۇ ئارىدا ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى، يوقلۇق دەردىدە ئاچ قالغانلارنى ئەسكە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان مىننەتدارلىق بۇرچىنى، يوقسۇللارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىش روھى يۈكسىلىدۇ، نېمەتكە شۈكۈر قىلىش كەيپىياتى ئاشىدۇ. قۇرئان كەرىمىدىكى« ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرىكىلەركە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرنىڭ تەقۋادارلاردىن بولۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رامزان روزىسى پەرز قىلىندى»دېگەن ئايەت روزىنىڭ تەقۋالىققا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.»

روزا تەقۋالىقنى كۈچەيتىدۇ

ئەللامە مۇھەممەد غازالىي مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«تەقۋالىق-ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تەقۋالىقنىڭ مۇكاپاتى بۇ دۇنيادا ھۇزۇرلۇق ھايات، ئاخىرەتتە نازۇنېمەتلىك جەننەتتۇر. مەلۇمكى، روزا تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولىدۇر. چۈنكى روزا تۇتقان ئادەم روزا سايىسىدا نەپسىنى پاكلاپ، روھىنى يۈكسەلتىپ ئىسلامى تەربىيە ئالغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلەنمىگەن ياشلارنى روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ساقلىنىشقا بۇيرۇغانلىقىنىڭ ھېكمىتىمۇ روزىنىڭ تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىگە ۋە روزا سايىسىدا ئىسلامى تەربىيە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. چۈنكى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ نەپسىي ئىستەكلىرى ئاجىزلىشىدۇ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنى نەپسىي ۋە جىنسىي ھەۋەسلەرنىڭ كۈچى ئالدىدا خۇددى مۇستەھكەم قەلئەدەك ساقلاپ قالالايدۇ. مۇسۇلمان ئادەم روزىنى پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا، ئۇنىڭدا ئاللاھ رازى بولمايدىغان قىلىق ۋە ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، نەپسىنى ۋە بارلىق ئىستەكلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىستىكى ئالدىدا بويسۇندۇرۇشى لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. مۇنداق ئادەم ئۆزىنى ئىبادەت ئىچىدە دەپ بىلگەنلىكتىن، بۇ مۇقەددەس ئىبادەتكە زىت كېلىدىغان ھەۋەسلەرنى يېڭىش كويىدا بولىدۇ-دە، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورايدۇ، نەپسىي شەيتاندىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيدۇ ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ. مۇنداق غەيرەت كۆرسەتكەن بىرىنى ئاللاھ تائالا ئۆز بېشىغا ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، بەلكى ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، تىلىگەنلىرىنى بېرىدۇ، ئۇنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە ياخشى بەندىلىرى قاتارىغا قوشىدۇ. بۇ ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئارمىنى ۋە كۈندىلىك تىلىكىدۇر.»

روزا خەير-ساخاۋەتنى ئۆگىتىدۇ

ئەللامە مۇھەممەد غازالىي مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
« روزا تۇتقان ئادەم كۆپ يېيىش ۋە كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىغان غەپلەت ۋە بىخۇتلۇقنىڭ نەقەدەر يامان ئىكەنلىكىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا تونۇپ يېتىدۇ. چۈنكى يىل بويى بىر كۈنمۇ ئاچلىق ھېس قىلماستىن، ھەر كۈنى ۋاقتى سائىتى بويىچە غىزالىنىپ كەلگەن ئادەم ئاچلىقنىڭ ئازابىنى ۋە دەردىنى ھەرگىز ھېس قىلمايدۇ. ئۇ قانداقمۇ ھېس قىلسۇن؟ بىرەر كۈن ئاچ قالمىغان تۇرسا؟ شۇڭا روزا تۇتۇش جەريانىدا كۈنىگە 15سائەتتىن 17سائەتكە قەدەر، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت ئاچ قېلىش ئارقىلىق ئاچلىق دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، يوقلۇقنىڭ قانداق قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن ياشاپ بىلىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ئەگەر روزىنى ئاللاھ رازىلىقىنى ئېلىش ۋە ئەخلاقىنى تۈزىتىش نىيىتى بىلەن تۇتقان بولسا، چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭدىكى بېخىللىق سېخىيلىققا، تاش يۈرەكلىك رەھىمدىللىققا، غەپلەت ھوشيارلىققا ئۆزگىرىدۇ-دە، يوقسۇللارنىڭ، يېتىملەرنىڭ، بىر نانغا زار بولغانلارنىڭ قەدرىگە تولۇق يېتىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سوزۇشنى مۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە ئىنسانلىقنىڭ تەلىپى دەپ بىلىپ، قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. روزا ئەنە شۇنداق تەربىيە مەكتىپىدۇر. روزا تۇتۇپ بۇنچىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان ياكى روزا تۇتۇش بىلەنمۇ ھېچقانداق تەربىيە ئالمىغان ئىنسانلارنىڭ تۇتقان روزىسى بىھۇدە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەردى چەككەندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس. چۈنكى روزا تۇتۇشتىن بولغان مەقسەت ئەمەلگە ئاشمىسا، تۇتقان روزىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئىبادەتلەر بۇ دۇنيادا ئەسقاتمىسا، ئاخىرەتتە قانداق ئەسقاتىدۇ؟! شۇڭا ئۆلىمالار دەيدۇكى، بۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرمىگەنلەر ئاخىرەتنىڭ جەننەتلىرىگە كىرەلمەيدۇ. بۇ دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدىغان مۆمىن ئادەم بۇ دۇنيادا جەننەت ئەھلىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى ئىماننىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتى بىلەن ئارام تاپقان، ئەخلاقى خۇددى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىغا ئۆزگەرگەن، پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشلىرى جەننەت ئەھلىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەم بۇ دۇنيادا قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرى ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى جەننەتتە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگە كىرمىگەن ئادەم ئاخىرەتنىڭ جەننىتىگە كىرەلمەيدۇ دەپ ئېيتىلغان. روزا تۇتقان ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسى ئۇنىڭ مۇئامىلە ئىشلىرىغا ۋە گەپ-سۆزلىرىگە ئەلۋەتتە تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىشنىڭ، روزا تۇتۇپ تۇرۇپ باشقىلارغا ئازار بېرىشنىڭ نەقەدەر چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ-دە، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، كۆنۈپ قالغان يامان ئادەتلىرىنى رامزاندا قىلمايدۇ ۋە رامزاندىن كېيىنمۇ ئۆمۈر بويى بۇ يامان ئادەتلەرنى قىلماسلىقنى ئادەت قىلىشقا تىرىشىدۇ، شۇنىڭغا بەل باغلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« يالغان سۆز قىلىشنى تاشلىمىغان ئادەمنىڭ روزا تۇتتۇم دەپ قورسىقىنى ئاچ قويغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوق» دەپ كۆرسەتكەن. دېمەككى، روزا تۇتۇش دېگەن قورساقنى ئاچ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. روزا تۇتقاندا بىر نەرسە يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك دېگەن روزىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى تەلىپى. ئەمما روزىنىڭ ھەقىقىي تەلىپى ئىچكى دۇنيانى ئىسلاھ قىلىشتۇر.»