6-فېۋرال كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبۇكتا، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر گۇرۇپپا ساقچى خادىملىرىنىڭ «دىننى قەتئىي رەت قىلايلى ۋە دىنغا ئىشەنمەيلى» دەپ يېزىلغان بىر لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشى خەۋەر قىلىندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر تەشۋىقاتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى يەكەن، قاغىلىق، ئاقسۇ ۋە كېرىيەدىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش جەھەتتە يەنە بىر بالداق ئىلگىرىلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
6-فېۋرال كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇچۇردا مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر گۇرۇپپا ساقچى خادىمىنىڭ بىر مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ رەسىمى تارقالدى. رەسىمدىكى لوزۇنكىدا «دىننى قەتئىي رەت قىلايلى، دىنغا ئىشەنمەيلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
بىز ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاۋۋال مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. مارالبېشىدىكى شەھەر ئىچى ساقچىخانىسى قاتارلىق 3 ساقچىخانا خادىمى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ ماھىيەتتە بىر پۈتۈن ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن، خىتاي دائىرىلىرى بولسا، بۇنىڭ ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلەرنى نىشانلىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى. ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا «دىننى قەتئىي رەت قىلىش ۋە ۋە دىنغا ئىشەنمەسلىك» تەشۋىقاتىنىڭ يالغۇز مارالبېشىدىلا ئەمەس، يەكەن ناھىيەسىدىمۇ، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل بازىرىدىمۇ، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
بۈگۈنگە قەدەر خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تەشۋىقاتىنى ئاساسلىقى مەمۇرىي كادىرلار ۋە تەشۋىقات خادىملىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىمقى دىنغا قارشى تەشۋىقاتىدا ساقچىلار ياكى ساقچىلارمۇ ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالغان. خىتاينىڭ ھازىرغىچە بولغان ئاشكارا تەشۋىقاتلىرىدا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىشى چەكلىنىپ كەلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتى ساقچىلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئاممىنى نىشان قىلغان.
بۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، ساقچىلارنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا 1-2 ئايچە بولغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، بۇ تەشۋىقاتتا كونكرېت نېمىلەر دېيىلىۋاتقانلىقى، بۇ تەشۋىقاتقا ئەگەشمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە نېمىلەرنىڭ دېيىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00