سەدىقە پىتىر ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

0:00 / 0:00

ھەر يىلى بىر قېتىم رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرى ۋە روزا ھېيتىنىڭ بېشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يوقسۇللارغا سەدىقە پىتىرى بېرىشى ۋاجىپ بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خەير-ساخاۋەت قىلىش، يوقسۇللارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈش ۋە ھەممە بىرگە بايرام تەنتەنىسى قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان.

ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىستېداتلىق ئالىم، ئەزھەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا سەدىقە پىتىرى ھەققىدە يازغان تەپسىلىي ماقالىسىدە سەدىقە پىتىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«سەدىقە پىتىرى لۇغەتتە: ئېغىز ئېچىش سەدىقىسى ياكى بەدەن سەدىقىسى دېگەن بولۇپ، ئىستېمالدا روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلار رامزان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلارغا بېرىشى ۋاجىپ بولغان سەدىقىدىن ئىبارەت.بۇ سەدىقە ئادەم بېشىغا ۋاجىپ بولغانلىقى ئۈچۈن كاللا زاكاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ھەدىستە كەلگەن بويىچە بىر خىل زاكات دەپ ئاتىغان تەقدىردە، رامزان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا رامىزاندا سادىر بولغان بەزى گۇناھلارنى پاكلىغۇچى، كەم قالغان نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغۇچى زاكات دېگەن مەنىدە بولىدۇ، چۈنكى زاكات دېگەن سۆز پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن پۇل-مال ۋە باشقا ئىقتىسادقا مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىدىغان زاكات بىلەن بۇ زاكاتنىڭ كۆپ پەرقلىرى بار.»

سەدىقە پىتىرىنىڭ پايدىسى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا سەدىقە پىتىرىنىڭ پايدىسى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«سەدىقە پىتىردىن ئىبارەت بۇ سەدىقە رامزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل-ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ، مەسىلەن روزا تۇتقان كىشى غەيۋەت ياكى تىللاش ياكى نامەھرەملەرگە قاراپ سېلىش ۋە ياكى بەزىبىر نالايىق ئىشلارنى بىلىپ-بىلمەي سادىر قىلىپ قالىدۇ، سەدىقە پىتىر باشقا تەۋبە، زىكىر، ئىستىغپار ۋە نەپلە ناماز قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرگە قېتىلىپ ھەممىسى بىرلىكتە روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا كاپپارەت بولۇپ ئۇلارنى يۇيۇۋېتىدۇ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلىۋېتىدۇ. يەنە رامىزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ-يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ رامىزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ، رامىزاندا روزا ۋە تاراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىشقا، باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش ۋە مال زاكاتلىرىنى ئادا قىلىشتەك ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئىزھار قىلىش ھەم بۇ سەدىقىنىڭ پەرز بولۇشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا كىمىكى رامىزاندا روزا تۇتۇپ بۇ سەدىقىنى بەرمەيدىكەن روزا تۇتۇش ئىبادىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولمىغانلىقى ياكى ئۇنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنىڭ شۈكرانىسىنى بەرمىگەن بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن نامراتلار بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيت-ئايەمنى موھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال-خۇرام ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىلدا بىرەر كۈن بولسىمۇ نامراتلارنى تىلەش خارلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ. دېمەك سەدىقە پىتىرى ئىككى تەرەپكە پايدىسى يېتىدىغان ئىبادەتتۇر، بىرى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆزى، يەنە بىرى نامراتلار. نەتىجىدە جەمئىيەتتىكى بارلىق تەبىقە ۋە قاتلاملار ھېيت كۈنلىرىنى ھەقىقىي شاد-خۇراملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ.»

سەدىقە پىتىرىنىڭ ھۆكۈمى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا سەدىقە پىتىرىنىڭ ھۆكۈمى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:
-بۇ سەدىقىنىڭ پەرز-ۋاجىپلىقىنى قۇرئان كەرىمىنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئومۇم مەنىسى، شۇنداقلا سەھىھ ھەدىسلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى ئىسپاتلىغاندۇر. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە قۇرئان كەرىمىدىكى «پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى» دېگەن ئايەتنى سەدىقە پىتىرىنى بېرىپ ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى، دەپ تەپسىر قىلغان. لېكىن ئۇلاردىن باشقا بارلىق ئالىملار بۇ سەدىقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ۋاجىپ بولغان دەپ قارىغان، ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، ھەر بىر مۇسۇلمانغا خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پېتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىۋېتىشكە بۇيرۇغان(بىر سا 2040 گرامغا توغرا كېلىدۇ.) شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ پەرز-ۋاجىپلىقىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرقى كۈنگە قەدەر بىرلىككە كەلگەندۇر. سەدىقە پىتىرى ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامزان روزىسىنى تۇتۇش پەرز قىلىنىش بىلەن بىللە پەرز قىلىنغاندۇر.

سەدىقە پىتىرىنى بېرىش قانداق كىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ سەدىقە ھەر بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولۇپ ھەنەفىي مەزھەبتە بۇ سەدىقىنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن باي كىشىلا بېرىدۇ، كەمبەغەل بەرمەيدۇ، چۈنكى زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

باشقا مەزھەپلەر سەدىقە پىتىرى مىقدارىدىن باشقا، بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا بۇ سەدىقىنى بېرىشى ۋاجىپ دەپ قارىغان، بۇ قاراشقا ئاساسەن نامرات كىشىلەرمۇ سەدىقە پىتىرىنى بېرىدۇ، ھەم ئەينى ۋاقىتتا باشقىلاردىن ئالىدۇ، يەنى نامرات كىشى سەدىقە پىتىرىنى ئېلىپ قولىدا سەدىقە پىتىرى مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ئوزۇقى ئاشىدىغان بولسا، باشقا زۆرۈر ئېھتىياجى قامدالغان بولسا، ئۇ كىشى بۇ سەدىقىنى باشقىلارغا بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ، ئېلىپ-بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندە، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامرات كىشىلەرمۇ ئۆزىنى بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا بېرەلەيدىغان ھېس قىلىشى، باشقىلارغا سەدىقە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۇزۇردىن بەھرىمەن بولۇشى، داۋاملىق ئېلىشقىلا كۆنمەي بېرىشكىمۇ كۆنۈشى، باياشات چاغدىلا بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى نامرات چاغدىمۇ بېرەلەيدىغانغا چېنىقتۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ، ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ھايات ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقىدۇر، كاللا زاكىتىدۇر، شۇڭا ھېيت نامىزىغا ئون مىنۇت قالغاندا تۇغۇلغان بوۋاققىمۇ بۇ سەدىقىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. سەدىقە پىتىرىنى پېقىر ۋە مىسكىن كىشىلەرگە بەرسە بولىدۇ. بۇ سەدىقىنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا-چاقىلىرى، ئايالى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ، يەنە ئۇلاردىن باشقا ئۆزى بېقىۋاتقان ئاتا-ئانىسى، تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشى ئۈچۈنمۇ بېرىدۇ، ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. قورساقتىكى بالىغا بەرمەيدۇ. سەدىقە پىتىرى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ۋاجىپ بولىدۇ، ۋاجىپ بولغاندىن كېيىن تاكى ناماز ئوقۇشقا قەدەر بەرسە بولىدۇ، ناماز ئوقۇشقا قەدەر بەرمەي نامازدىن كېيىنگە كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدۇ، بۇ زاكات نامراتلارنىڭ ھەققى بولغاچقا تاكى بەرمىگۈچە قەرز ھېسابىدا بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ. سەدىقە پىتىرىنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدۇ. يەنە بەزىلەر رامزان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى رامزان ئىچىدىلا پۇرسەت تاپقاندا بېرىۋېتىشى ئەۋزەل.

كىشى قەيەردە تۇرغان بولسا سەدىقە پىتىرنى شۇ يەردىكى نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقا جايدىكى نامراتلارغا بەرسىمۇ ھەم بولىدۇ. مەسىلەن بىرى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە تۇرىدىغان بولسا، تۇرغان ئورۇندا نامرات مۇسۇلمان يوق بولۇپ باشقا يۇرتلاردا نامرات مۇسۇلمانلار بولسا ياكى نامرات تۇغقانلىرى بولسا شۇلارغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

ئۆزى بىر يۇرتتا، بالىلىرى باشقا جايدا بولسا بالىلىرى ئۈچۈن سەدىقە پىتىرىنى ئۆزى تۇرغان جايدا بەرسىمۇ بولىدۇ، بالىلىرى بار يۇرتتا بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن سەدىقە پىتىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ھېسابلاشتا ئۆزى تۇرغان جايدىكى باھا بويىچە بېرىدۇ. مەسىلەن بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ قەشقەردىكى بالىلىرى ئۈچۈن سەدىقە پىتىرى بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە 75 يۈەن بولسا، قەشقەردىكى ھەر بىر بالىسى ئۈچۈن 75 يۈەن ئەۋەتىپ بەرسە ياكى بۇيرۇپ بەرسە بولىدۇ.»

سەدىقە پىتىرىنىڭ مىقدارى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا سەدىقە پىتىرىنىڭ مىقدارى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەنەفىي مەزھەپتە ھەر بىر كىشى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1625 گرام بېرىدۇ، ئارپا، خورما ياكى يىمىشتىن 3250 گرام بېرىدۇ، سەدىقە پىتىر ئۈچۈن نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، بەلكى تېخى نەق پۇل بېرىش ياخشىراق، چۈنكى كەمبەغەللەر نەق پۇل ئارقىلىق ھەرقانداق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، نەق پۇل بەرمەكچى بولغاندا، ئاشۇ مىقداردىكى ئوزۇقنىڭ شۇ كۈندىكى بازار باھاسىنى بېرىدۇ. چۈنكى نامرات كىشىلەر نەق پۇلنى قولىغا ئېلىپ لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن بۇغداي ئۇنى ياكى گۈرۈچنىڭ بىر كىلوسى 3 يۈەن بولسا، بىر كىشى ئۈچۈن 5 يۈەن بولىدۇ. ئەمما ئاچارچىلىق ياكى ئاشلىق قىس چاغلاردا ئاشلىقنىڭ ئۆزىنى بېرىش ئەۋزەل بولىدۇ.»