سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاياللار ئۆزلىرىنى ئىسپاتلىماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ پەرمانى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئاياللاردىن تەشكىل قىلىش ھەققىدىكى قارار سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدە چوڭ بىر خۇشاللىق تەنتەنىسى ياراتتى.

0:00 / 0:00

مۇندىن ئىلگىرىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسلىرىگە ئەزا بولۇپ كىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللىرى ۋە رادىئو-تېلېۋىيىلىرىدە ئەڭ كۆپ سۆزلىنىۋاتقان يېڭىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىنىڭ پارلامېنتقا ئەزا بولۇپ كىرىش يېڭىلىقى بولماقتا. بۇ ھەقتە نەچچە يۈزلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا ۋە نەچچە ئونلىغان تېلېۋىزىيە سۆھبەتلىرى داۋام قىلماقتا. دېمەك، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىنىڭ خەۋىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش ماۋزۇسى بولۇپ قالماقتا. بىر تەرەپتىن، زىيالىيلار ئاياللارنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنى دېموكراتىيىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن دەپ تەبىرلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ئۆلىمالار بۇ ئىشنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاياللا توغرىلىق خەۋەر تارقاتماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىنىڭ 2013-يىلى 15-يانۋار سانىدا «ئۈمىد پايتەختتىن كەلمەكتە» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«2013-يىلى كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدىن ئۇرۇش-جېدەللەرنىڭ، قان تۆكۈلۈشنىڭ، نامايىشلارنىڭ ۋە ئىنقىلابلارنىڭ خەۋىرى تارقالغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بىر ئىجابىي يېڭىلىق بىلەن باشلاندى. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدىن ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ھەققىدىكى قارارلار كېلىپ خەلقنى خۇشال قىلماقتا ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى ھازىرغىچە كۆپلىگەن ساھەلەردە ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. مەسىلەن: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تارقىلىۋاتقان گېزىتلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت مۇئەسسەسىلىرىنىڭ 45 پىرسەنتى ئايال مۇدىر ۋە ئىش باشقۇرغۇچىلار بىلەن تولغان، مەكتەپلەردىكى قىز ئوقۇغۇچىلار سانى ئوغۇللارنىڭكىدىن كۆپ، ھەمدە ئاياللاردىن تەلىم كۆرگەنلەر سانى 80 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، يەنە مەكتەپلەردە ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ۋە سىنىپ ئاتلاش نىسبىتى ئوغۇللارنىڭكىدىن قىزلارنىڭ كۆپ بولماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كەم ئەمەس، بەلكى بەزى جەھەتلەردە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»

ھەر بەش پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرى ئايال

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتتىكى ئاياللار نىسبىتى ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 150 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە ئاياللار سانى 30دىن ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن پارلامېنتتىكى ھەر بىر بەش ئەزانىڭ بىرى ئايال بولماقتا. بۇ سان بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بەلكى كۈنسايىن ئايال ئەزالار سانىنىڭ كۆپىيىدىغىنى ئېنىق. ئۆتمۈشلەردە سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدە قىزلار مەكتىپى يوق ئىدى. مۇندىن 50-60 يىللار ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھلىرىدىن پادىشاھ پەيسەلنىڭ ئەمرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قىزلار مەكتىپى ئېچىلغان. شۇ زامانلاردىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاياللار جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھەر ساھەدە ئۆزلىرىنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ كەلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. مۇندىن كېيىنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ كارامىتىنى ئىسپاتلىغۇسى.»