خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى قېيىنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشى، بولۇپمۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى تەرەققىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنىمسىز تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق، بىر قىسىم مەشھۇر خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدىلا، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى دەسلەپكى 30 نەچچىدىن 100 نەچچە نەپەرگە يەتكەن.
بۈگۈن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ياقۇپ قارى ۋە سابىق رەئىسى سەيپىدىن قارىلارنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى؛ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قەدەم قويۇش جەريانى، ئۇلارنىڭ غايىسى ۋە شارائىتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز شۆھرەتنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىدىن ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00