27 - ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى مەككىنىڭ مىسفەلە ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ھەج مەزگىلىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنى توپلىغانلىقى ۋە ئۇلارنى جىددىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن يۇرتىغا قايتۇرغانلىقى، قايتۇرۇلغانلار ئىچىدە بىر قىسىم تۇڭگانلارنىڭمۇ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇڭگان مەسچىتنىڭ مەسئۇلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتۇرۇلغانلار ئىچىدە ئۆز مەسچىتىگە تەۋە ئون كىشى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ھالبۇكى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى تىرىشچانلىقىمىز جاۋابسىز قالدى.
بۇ خەۋەر تارالغاندىن كېيىن بىز بۇ ھەقتە بەزى بىر مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دىپلومات بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. خىتايدا ئۆمۈر ھەج ۋە ھەج قىلغۇچىلار ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. بۇ خىتايدىكى قائىدە تۈزۈم» دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن: «سىلەر ئۆمۈر ھەج ۋە ھەج پائالىيىتىدە ئىسلام دىنىي قائىدىلىرىنى ھۆرمەت قىلامسىلەر ۋە ياكى دۆلەت سىياسىتىنىمۇ؟» دېگىنىمىزدە، ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز ئارقىدىنلا بېيجىڭدىكى «خىتاي مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. بىراق، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەھرىر بۆلۈم خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان چىڭخەي مەسچىتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسچىت مەسئۇلى:«سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلەر ئىچىدە مەسچىت جامائىتىمىزدىن ئون نەپەر كىشى بار. ئەمما، تەپسىلاتىنى بىلمەيمەن» دېدى.
بىز ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى قەدىمىي مەسچىتلەردىن بىرى بولغان «بەيتۇلمەمۇر» يەنى «نوغاي مەسچىتى» گە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىمامى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مۆھتەرەم شەرىف داموللام ھاجىم بىلەن بىلەن بۇ ھەقتە ۋە باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00