قۇربان ھېيت پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم دىنىي ھەم مىللىي ئايەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىختىن بىرى بۇ ھېيت كۈنىنى ھەر يىلى شۇنداق قۇتلاپ كەلمەكتە.
بۈگۈنكى قۇربان ھېيت كۈنىدە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئايەم تەنتەنىسى قىلغاندەك، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئايەم تەنتەنىسىگە چۆممەكتە. كۆپ جايلاردا ئۇلار ئۇيغۇرلارغا خاس جامائەت بولۇپ ھېيتلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ كۈنلەردە ھەج پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن، ئۇلار ھېيتلىشىش ئىشلىرىنى ھەجدىن كېيىنكى كۈنلەرگە كېچىكتۈرىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھېيت شادلىقى ۋە ھېيت كۈنلىرىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي سىراجىدىن ئەزىزىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت
سىراجىدىن ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلاش پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«قۇربان ھېيتى مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ بايرىمى. مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى ۋە قۇربان ھېيتى دەپ ئىككى بايرىمىمىز بار. مەككە شەھىرىدە قۇربان ھېيتىدا ھېيت كۈنلىرى ھېيتلىشىش يوق، ئۇلار كېيىنرەك ھېيتلىشىدۇ. چۈنكى ھېيت كۈنلىرىدە كۆپ كىشىلەر ھەج پائالىيىتى بىلەن بولىدۇ. ئەمما جىددە، تائىف، مەدىنە قاتارلىق شەھەرلەردە ھېيت كۈنلىرىدە ھېيتلىشىش بار. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى ۋاقىتتىن بىرى بىرلىشىپ ھېيتلىشىش ئىشلىرى قايتىدىن جانلانغان ئىدى. ئۇنى داۋام قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا ئىزدىشىشنى ۋە بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشنى ناھايىتى مۇھىم بىلىدۇ. ھېيت بايرىمىدىكى مۇھىم بىر مەسىلە بىز دوستلار ۋە تۇغقانلار ئارىسىدىكى يېقىنلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىمىز. ھېيتنىڭ ئاساسلىق غايىسى ۋە ھېكمىتى دوستلۇق رىشتىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا بۇ يەردە بۇنىڭغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.»
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سوۋغات
سىراجىدىن ئەزىزى يەنە مۇنداق دېدى:
«ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ھەدىيەم شۇكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار بۇ ھېيت ئايەم كۈنلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە مەقسىتىنى ياخشى چۈشىنىشىنى سورايمەن. ھېيت كۈنلىرى دېگەن تۇغقانلار ۋە دوستلار ئارا بىر-بىرىنى ئىزدىشىش ۋە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئازراق بىر سەۋەبلەر بىلەن ئاداۋەتلىشىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. ئىككىنچىدىن، مۇشۇ ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلىكنى ۋە ئىناقلىق كۈچەيتىپ تۇغقانلار ئارا يېقىنلىقنى داۋام قىلدۇرۇشىنى، تۇغقانلار، قوشنىلار ۋە جامائەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەتكە سەۋەب بولىدىغان، بىرلىكنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىز.