رادىئومىز ئاڭلىغۇچىلىرى يوللىغان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر شىخەنزە شەھىرىدىكى 180 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى 2013 - يىل 4 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنوبىدىكى قىزىل تاققا كۆچۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ قارار شىخەنزىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
دىققىتىڭلار رادىئومىز مۇخبىرى مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا بولسۇن.
رادىئومىز مۇشتىرىلىرى يوللىغان ئىنكاس ۋە رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى شىخەنزىدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر شەھەردىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
مۇشتىرىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 - ئۆتەبىر كۈنى شىخەنزىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا توپلانغان ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان 1000 دىن ئارتۇق ئامما، قەبرىستانلىق يېنىدىكى قاراياغاچلىققا «مۇسۇلمانلارنىڭ كونا زاراتكارلىقىنى كۆچۈرۈش ئىشىدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن خەلقنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوغدىشى كېرەك!»، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زەرەر يېتىدىغان ئىشلار سادىر بولماسلىقى كېرەك!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، ئەجداتلىرىنىڭ قەبرىسىنى يۆتكەشكە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شىخەنزىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى تەخمىنەن 180 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قەخرىستانلىق بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قەبرىستانلىقنى بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىرقانچە قېتىم كۆچۈرۈش پىلانى تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما شىخەنزىدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن بۇ پىلانلار ئەمەلدىن قالغان.
ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىخەنزىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
ئېلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتا شىخەنزىدە ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر زاتلار كۆمۈلگەن. جۈملىدىن 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى بىلەن خىتاي گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدىكى تىركىشىش مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا قۇربان بولغان مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر، جەڭچىلىرىنىڭ جەسىتىمۇ بۇ يەردىن ئورۇن ئالغان.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا يەنە شىخەنزىدىكى كونا زاراتكارلىق رايونىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەلۇم شىركەتكە سېتىپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىز شىخەنزىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرۈش پىلانى ۋە بۇ پىلاننى ئورۇنلاشقا قاتنىشىۋاتقان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە دىنىي زاتلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى. پەقەت شىخەنزە كونا شەھەر رايونى مەسچىتىنىڭ ئىمامى يەنى مەمەتشاھ ھاجىم تېلېفونىمىزغا تولىمۇ ئىخچام جاۋاب بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كونا زاراتكارلىقنىڭ 4 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى قىزىلتاغ نامىدىكى تاققا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما، مەمەتشاھ ئىمام قەبرىستانلىق كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەبرىستانلىق رايونىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش پىلانى بارلىقى ۋە نۆۋەتتە شىخەنزىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.
ئېلشات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساۋەن ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ماناس دەرياسى بويىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى شەھەردىن ئاپتوموبىل بىلەن ماڭسا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغان، يىراق چەت جايدىكى تاققا كۆچۈرۈشىدە ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇلمىغان زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك يەڭ ئىچىدىكى سودا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىخەنزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ قوزغىلىشىدا چوقۇم كۈچلۈك دەلىل، ئىسپاتلار بارلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00