شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ قارارى بويىچە، 5-ئىيۇل كۈنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىتوكھولم شەھىرىنىڭ رنكىبىي رايونىدىكى مەسچىتتە روزى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.
بۈگۈنكى روزى ھېيت نامىزىغا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولم ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم جانابى ئاللاھدىن خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېزرەك تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ، دىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقىنىڭ پات يېقىندا ئەسلىگە كېلىشىنى، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەبىر بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەھەت ئالدى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ، بۈگۈنكى ھېيت نامىزى ئوقۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، «5-ئىيۇل» ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھدىن سەبىر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىيلاردىن ئابباس ئەپەندى روزى ھېيت نامىزىنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئوقۇلغانلىقى، جامائەتلىشىش ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتلىشىپ ياشىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
نامازدىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشتى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بالىلارغا تەييارلانغان ھېيتلىق سوۋغاتلار تارقىتىپ بېرىلدى. كېيىن جامائەت بىرلىكتە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى.
0:00 / 0:00