شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە 24-سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ رنىكىبىي رايونىدىكى سومالى مەسچىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇربان ھېيت نامىزىدا جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە خۇتبەنى ئاڭلاپ، قۇربان ھېيتىنى قىزغىن مۇبارەكلەشتى.

قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم، ناماز خۇتبىسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا قىلغان پىداكارلىق، قۇربانلىقىنى ئايەت، ھەدىسلەر بىلەن شەرھلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى ئاللاھ رىزاسى يولىدا ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدەك ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى خەلقىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

سىتوكھولم ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان نامازدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلمۇرات ئەپەندى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ كۆكيار ئۆزىنىڭ ھېيتلىق سالىمىنى رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئىزھار قىلدى.

نامازدىن كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە بىر-بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى ھەمدە ئۆز-ئارا ئۆيلىرىگە ھېيت پەتىسى قىلىشتى.