شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.
بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت نامىزى سىتوكھولمنىڭ رېنكىبۈي رايونىدىكى شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ يەرۋا شۆبىسىنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلدى. ھېيت نامىزىغا، سىتوكھولم شەھەر ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ھېيت نامىزىدىن كېيىنكى دۇئادا شەرقىي تۈركىستاندىكى شېھىت بولغانلار، تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
ھېيت نامىزىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىي پائالىيەتچى، يۇرت ئاقساقىلى پەرۇخ سادىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى ئۆمەر مەخسۇم قۇربان ھېيتلىق سالام يوللىدى.
كېيىن جامائەت مەسچىتنىڭ پائالىيەت زالىغا يىغىلىپ ئۆز-ئارا ھېيتلىق سالاملارنى يوللاش، بالىلارغا ھېيتلىق سوغىلارنى بېرىش، ئائىلىلەر ھازىرلاپ كەلگەن ھېيتلىق يېمەكلىكلەردىن ئېغىز تېگىش بىلەن ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام ھېيتلىق كەيپىياتقا چۆمدى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كاتىپى ئابدۇللا ئەھەت ھېيتلىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى قۇربان ھېيتتا سىتوكھولمدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەسچىت قۇرۇش ئىشلىرىغا ئاساس سېلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى.