شىۋېتسىيەدىكى ئىپتارلىق زىياپىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

2-ئاۋغۇست (جۈمە) كۈنى كەچقۇرۇن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى سىتوكھولمنىڭ تېنستا رايونىدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىللىرىگە ئىپتارلىق زىياپىتى بەردى.

ئىپتارلىق زىياپىتىگە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا «شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە ئادالەت جەمئىيىتى»، «شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى» ھەمدە ب د ت نىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىشخانىسىدىن بولۇپ جەمئىي 160 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مول مەزمۇنلۇق ئىپتارلىق پائالىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە مەركىزىي تېما سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.

ئىپتار زىياپىتىدە مەخسۇس تەييارلانغان ئۇيغۇر تائاملىرى تارتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە پائالىيىتى قىزغىن كەيپىيات ئىلىكىدە باشلاندى. ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى قېرىنداش مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن شىۋېت تىلىدا «ئۇنتۇلغان ئەل-شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.

نىجات تۇرغۇن دوكلاتىدا، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ياشاپ كەلگەن ھەمدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋەتىنىدە ئېغىر دەرىجىدە مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، سىياسىي جەھەتتىن دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنتۇلغان رايون بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكلاتنى مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدارلىققا ۋە چىنلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئارىلىقتا «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا ئىشلەنگەن مەخسۇس ۋىدېئو فىلىمى كۆرسىتىلدى. شىۋېت تىلىدا ئاۋاز بېرىلگەن مەزكۇر فىلىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا نىجات تۇرغۇن دۇنيادىكى داڭلىق تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان مىسىرلىقلار، سۈرىيەلىكلەر، ئافغانلار، بېرمىلىقلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تېگىشلىك دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاخىرىدا شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە ئادالەت جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مول مەزمۇنلۇق ئىپتار زىياپىتى ئاخىرلاشقاندا نىجات تۇرغۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.