شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسچىتىگە سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتى دەپ نام بەردى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرى يېڭى ئېچىلغان مەسچىتىدە، مەسچىتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىن شىۋېتسىيەدىكى يۇرت ئاقساقاللىرىدىن فارۇق سادىق ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 9-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 دە باشلاندى. مەزكۇر مەسچىتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى، ئەل-جامائەتنىڭ مەسچىت ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىرلىك سەپ بەرپا قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق پىكىر -تەكلىپلەر سۇنۇلدى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ھەيئەتلەر، ئالدىمىزدىكى 12-نويابىر كۈنى، مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر شەخس سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ نامى بىلەن « سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتى» دەپ ئاتاش توغرىسىدا قارار ئالدى.

مەسچىت ھەيئەتلىرى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان بۇ تۇنجى مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مەرىكىسىنى داغدۇغىلىق بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، شۇنداقلا مەسچىتنى ئىقتىساد بىلەن قوللاۋاتقان يىراق يېقىندىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنى مەسچىت مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى.

بىز بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدىكى جامائەت ئاقساقاللىرىدىن فارۇق سادىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەسچىتنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاشتا مۇھىم رولى بارلىقىنى، مەسچىتىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىش كۈنىنىڭ 12-نويابىردەك ئەھمىيەتلىك كۈنگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە مەسچىتنىڭ نامىنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار قىلغانلىقىنى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا كۆكيار شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەسچىتنىڭ ياخشى ئىشلارغا سەۋەبچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆز تىلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلىپ، ئەل-جامائەتنى مەسچىت لايىھەسىنى قوللاشقا ۋە مەسچىتنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىت ئۈچۈن ئاپتوماتىك بەدەل تۆلەش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.