شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى يېڭى مەسچىتىدە بىرلىكتە ئوقۇدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مەسچىتىدە 12-سېنتەبىر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 7:00 دە بىرلىكتە ئوقۇدى.

قۇربان ھېيت نامىزىغا سىتوكھولم ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم قۇربان ھېيت نامىزى خۇتبىسىدە قۇربان قىلىشنىڭ ھەق يولدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى، ھېچكىم پىداكارلىق كۆرسەتمەي، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا سۆزلەنگەن قىسسىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق جامائەتكە ئېنىق چۈشەندۈردى.

قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن، جامائەت ئۆمەر مەخسۇمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەتلەر ئوقۇلدى. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ۋەتەن ئوغلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھدىن سەبىر تىلىدى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ بىنا قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بەرىكەت، ئۆزلىرىگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھەققىدە دۇئالار قىلىندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمدە ۋەتىنى ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە، قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ناھايىتى غەلىبىلىك ئوقۇلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئۆزىنىڭ قۇربان ھېيت نامىزىدىن ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى.

نامازدىن كېيىن ئۆز-ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر-بىرلىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەشكەن جامائەت خۇشال كەيپىياتتا ھال-مۇڭ بولۇشتى ھەمدە چوڭلارنىڭ، ئاغرىق-سىلاقلارنىڭ، يىتىملارنىڭ ئائىلىسىگە ھېيت پەتىسى قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.