پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قوپاللىق بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى كىشىلەرگە خۇش چىراي ئېچىش ۋە تەبەسسۇم قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. تەبەسسۇم كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرۈش ۋە روھنى كۆتۈرۈشتەك سېھىرلىك مۆجىزىدۇر. ئەرەبلەردە «سەن ھاياتقا كۈلسەڭ ھايات ساڭا كۈلىدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار.
مىسىرلىق دوكتور ئەھمەد ئابدۇلجەۋۋاد «قانداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى قازانغىلى بولىدۇ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«كىشىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن ئوچۇق چىراي ئېچىش سىزدىن ھېچقانداق بىر چىقىم تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمما سىز بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئىللىتىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ پەزىلەتكە قاتتىق تەشەببۇس قىلغان. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتقان:«ياخشىلىقتىن ھېچ نەرسىنى ئاددىي سانىما، بىراۋنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارىشىڭمۇ ياخشىلىقتۇر»، «بۇرادىرىڭنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىشىڭنىڭ ئۆزىدە سەدىقىنىڭ ساۋابى بار»، كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي بىلەن سالام بېرىشتە سەدىقىنىڭ ساۋابى بار.»
باشقىلارغا ئۇلار ياقتۇرمايدىغان بىرەر تەكلىپنى سۇنغان ۋاقىتتىمۇ ئۇلارغا بۇ تەكلىپنى خۇش چىراي ئاچقان ۋە تەبەسسۇم قىلغان ھالدا سۇنۇش ئەلۋەتتە ياخشى نەتىجە قازاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر نەرسىگە كۈلۈمسىرەش بىلەن باقىدىغانلار قىيىنچىلىقلارغىمۇ كۈلۈمسىرەيدۇ ۋە ھەر قانچە زور قىيىنچىلىقنىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يېڭىدۇ. ئەمما، ھەر نەرسىگە قاپىقىنى تۈرۈپ باقىدىغانلار ئۈچۈن ھەممە ئىش قىيىن ۋە تەس تۇيۇلىدۇ. ئازراق قىيىنچىلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە چوڭ كۆرۈنىدۇ. تەبەسسۇم دېگەن سىزدىن بىر تىيىن تەلەپ قىلمايدىغان، ئازراقمۇ مۇشەققەتكە قويمايدىغان، ناھايىتى ئاسان ۋە ئەرزان بىر نەرسە. ئەمما ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى ۋە ئىجابىي نەتىجىلىرى شۇنچە كۆپ. تەبەسسۇم قىلىش بىر لەھزىدىن ئارتۇق ۋاقىت تەلەپ قىلمايدۇ سىزدىن. ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى يىللارچە، ھەتتا بىر ئۆمۈر كۆڭۈللەردە قالىدۇ. دۇنيادا تەبەسسۇم قىلىشقا چامى يەتمەيدىغان پېقىر يوق. ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالايدىغان باي يوق. ھەركىم ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.»
مىسىرلىق خرىستىئان يازغۇچىسى دوكتور رەسمىي ئابدۇلمەلىك «باشقىلار بىلەن قانداق ئۆتىسىز» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «سىز باشقىلارغا ئوچۇق چىراي ئېچىپ تەبەسسۇم قىلىش ئۈچۈن يۈزىڭىزدىن ئاران 13 مۇسكۇلنى ئىشلىتىسىز، ئەمما قاپىقىڭىزنى تۈرگەن ۋاقتىڭدا 74 مۇسكۇلنى ئىشلىتىسىز. تەبەسسۇم قىلىش قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىدۇ، قاننىڭ بەدەننىڭ ھەممە جايلىرىغا يېتىپ بېرىشىنى تەمىن ئېتىدۇ، كۆپ مىقداردىكى ئوكسېگىننى ئىچكى قىسىمغا ئەۋەتىش ئارقىلىقبەدەندىكى زىيانلىق ماينى يوق قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. بۇندىن باشقا تەبەسسۇم قىلىش ئادەمنىڭ چىرايىدىن قېرىلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى يىراق قىلىدۇ. شۇنداق پايدىلىق بىر تەبەسسۇمغا نېمانچە بېخىللىق قىلىسىز؟ ياكى ئۇ سىزدىن چىقىم تەلەپ قىلامتى؟»
مىسىردىكى «ئەل ئېھرام» گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەشھۇر يازغۇچى ئەھمەد ئەمىن «شېرىن ئەسلىمىلەر» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن:«ھاياتقا تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ سائادىتى ئۆزلىرىنى بەختلىك قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئىشلەشكە ئەڭ قادىر، مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرۈشتە ئەڭ كۈچلۈك، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە ئەڭ ياراملىق ۋە ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا پايدىلىق بولغان كاتتا ئىشلارنى بېجىرىشتە ماھىر كېلىدۇ. مەن كۆپ مال - دۇنيا ياكى چوڭ مەنسەپ بىلەن ئازغا شۈكۈر قىلىدىغان قانائەتلىك نەپس ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، ئەلۋەتتە ئىككىنچىسىنى تاللىغان بولاتتىم. چۈنكى شادلىقتىن ئەسەر بولمىغان مۇز چىراي بىلەن تۇرۇپ كۆپ مال - دۇنياغا ئېرىشكەننىڭ ياكى كاتتا مەنسەپكە چىققاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ خۇددى جىنازا نامىزىدىن قايتىپ كەلگەن ئادەمدەك چىرايى تۇتۇق يۈرگەن كىشىگە بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان، ئۆيىنى دوزاخقا ئايلاندۇرۇۋالغان ساھىبجامالنىڭ ئەگەر ئېرىنىڭ قەلبىنى ئاچالمىسا نېمىگە ئەھمىيىتى بولسۇن. ساھىبجاماللىق دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، ئۆيىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغان چىرايى نورمال ئايال ساھىبجامالدىن مىڭ ئەلادۇر!»
0:00 / 0:00