تەربىيە كۆرگەن ئادەمنىڭ 10 چوڭ ئالاھىدىلىكى

0:00 / 0:00

تەربىيە ئىنساننى ھەقىقىي ئادەم قاتارىغا كۆتۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغىلا خاستۇر. دېمەك، ئادەم تەربىيە ئارقىلىقلا ھەقىقىي ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ.

ئەۋلادلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاق تەربىيىسى قەيەردە ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، شۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيەۋى ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئەخلاق ساپاسى، تەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىق ئەۋلادلارغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق غايە تۇرغۇزۇش، دەۋرگە ماس قەدەمدە قانداق ئىلگىرىلەش، قانداق قىممەت يارىتىش، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، نېمىنى سۆيۈش، نېمىلەردىن نەپرەتلىنىش توغرىسىدا تەلىم بېرىلىدۇ.

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بېكىتىدە «تەربىيە كۆرگەن ئادەمنىڭ 10 چوڭ ئالاھىدىلىكى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

  1. تەربىيە كۆرگەن ئادەم ۋاقىتقا ئەمەل قىلىدۇ. يىغىنغا ياكى ۋەدىلەشكەن جايغا ئەزەلدىن كېچىكىپ بارمايدۇ. مەقسەتسىز كېچىكىپ قېلىشنىمۇ باشقىلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھاياتىدا ھېسابسىز، سۇدەكلا ئېقىپ كېتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىرى ۋاقىتتۇر. ۋاقىت شۇنچىلىك قىممەتلىككى، ۋاقىتنىڭ ئۆزى ئۆمۈر، ۋاقىتنىڭ ئۆزى نەق پۇل، ۋاقىتنىڭ ئۆزى ئىجاد ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆزى غەلىبىدۇر. دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ. پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ-يۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. بىر ھەدىستە: «كىشىلەر قەدرىگە يېتەلمەيدىغان ئىككى نەرسە بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى، ۋاقىتتۇر» دەپ كەلگەن. ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلمىگەنلەر ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىمۇ چوڭ زىيانلارغا ئۇچرىتىدۇ. چۈنكى ۋەدە قىلغان يەرگە ۋاقتىدا بارماسلىق، كىشىلەرنى كۈتكۈزۈپ قويۇش ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلىغانلىق ۋە ئۇلارغا زىيان سالغانلىقتۇر.
  2. تەربىيە كۆرگەن ئادەم گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىدۇ. ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ سۆزىگە لوقما سالمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ پىكرىنى ۋە كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆزىلا سۆزلەپ باشقىلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەسلىك ياكى باشقىلارنىڭ سۆزىنى خوش ياقمىغاندەك ئاڭلاش ئەدەپسىزلىكتۇر. مەدەنىيەتلىك ۋە تەربىيە كۆرگەن ئادەم مۇنداق شەخسىيەتچى بولمايدۇ، باشقىلارغا يول قويۇشنى بىلىدۇ، باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ تىڭشايدۇ، سۆزلىگۈچىنى بىئارام قىلمايدۇ.
  3. تەربىيە كۆرگەن ئادەم پوزىتسىيەدە مۇلايىم كېلىدۇ، خۇش پېئىل، ئىللىق كېلىدۇ، قوپال، باغرى قاتتىق بولمايدۇ، ھەركىمگە سىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا دىققىتىنى چاچماستىن مۇلايىملىق بىلەن ئاڭلايدۇ. پوزىتسىيەدە ياخشى ئادەم كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدۇ. قۇرئان كەرىمىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيەلەپ: «ئەگەر سەن قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، كىشىلەر چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى» دېيىلگەن.
  4. تەربىيە كۆرگەن ئادەم كىشىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ سۆز قىلمايدۇ، كىشىلەرنى راھەتسىز قىلمايدۇ. بەلكى سىيلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە باشقىلارنى ئاسرايدۇ. كىشىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ سۆز قىلىش مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كىشىلەر مۇنداق تەربىيەسىز ئادەملەرنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ.
  5. تەربىيە كۆرگەن ئادەم سۆھبەت ماھارىتىگە دىققەت قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارشى ۋە پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۆزى قارشى پىكىردە بولسا، قوپاللىق قىلماستىن، قارشى تەرەپنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى يوللۇق ئىبارىلەر ئارقىلىق سىلىق بايان قىلىدۇ.
  6. تەربىيە كۆرگەن ئادەم ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، ئۆزىنى قالتىس چاغلىمايدۇ، كەمتەر بولىدۇ. باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى قەتئىي تەكىتلىمەيدۇ.
  7. تەربىيە كۆرگەن ئادەم لەۋزىدە تۇرىدۇ. ۋەدە قىلغان ئىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەجا كەلتۈرىدۇ، لەۋز قىلغان گېپىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالغان تەقدىردىمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن سۆزىگە ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ. بىر ھەدىستە:«مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، يالغان سۆزلەش ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتۇر» دەپ كەلگەن.
  8. تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ، ھەركىمگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ، كىچىكلەرنى ئاسرايدۇ. مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
  9. تەربىيە كۆرگەن ئادەم كەڭ قورساق كېلىدۇ. باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندا مەرد ۋە كەڭ قورساق كېلىدۇ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن دوستلىرى، قوشنىلىرى ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن ئارازلاشمايدۇ ياكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويمايدۇ.
  10. تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. باشقىلار بەختسىزلىككە يولۇققاندا ئۇلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى باشقىلارغا ياردەم قولىنى سوزالىغان ئادەم بەختلىك ئادەمدۇر.