توكيودىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۈگۈن روزا ھېيت نامىزىنى توكيودىكى تۈرك جامەسىدە بىرلىكتە ئوقۇدى.

ھېيت نامىزى باشلىنىشتىن ئىلگىرى تۈرك جامەسىگە يىغىلغان بارلىق مۇسۇلمانلار مەسچىت ئىمامىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى، ھەر-بىر قۇربى يەتكەن مۇسۇلماننىڭ بېرىشىگە تېگىشلىك بولغان سەدىقە، پىتىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆزلىگەن ۋەزىگە قۇلاق سالغاندىن كېيىن، ھەممە بىردەك ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئوقۇپ، روزا ھېيت نامىزىغا تەييارلاندى.

بىز روزا ھېيت نامىزى تاماملانغاندىن كېيىن بىر-بىرى بىلەن قېرىنداشلارچە قۇچاقلىشىپ، بىرى-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى سۇندۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان توكيودىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا توكيو تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار نامازدىن كېيىن ھەممىسى شۇ رېستورانغا يىغىلىپ،ھېيتنى تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ يىلقى روزا ھېيت بايرىمى يازلىق تەتىلگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن توكيو تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەتەنگە تەتىل قىلىپ كېتىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدە تۇغۇلغان يېشى يەتمىش بەش ياشتىن ھالقىغان تاتار تۈركلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولغان ئاينان سافا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-بۈگۈن بىز مەسچىتتە مىڭدىن ئوشۇق ئەر-ئايال بىرلىكتە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، روزا ھېيتنى تەبرىكلىدۇق. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قىزغىن سالىمىمنى يوللايمەن. روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان توكيو ئىسلام مەركىزىدىكى تۈركىيەلىك شەيخ نېمتۇللا غوجام ئىلگىرى ياپونىيەگە كېلىپ ۋەتىنى، دىنىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ توكيودا ۋاپات بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستانلىق شېھىتلارغا دۇئا قىلدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.