خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي كونتروللۇق سىياسىتى يېقىندىن بۇيان مۇسۇلمان تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق نىڭشيا ئاپتونوم رايونىغا كېڭىيىشكە باشلىغان. دائىرىلەر بۇ رايوندا «سەئۇدىلىشىش» ۋە «ئەرەبلىشىش»نى چەكلەش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئەرەب تىلىنىڭ ئومۇملىشىشنى، مەكتەپلەردە ئەرەب تىلى سىنىپلىرىنى ئېچىشنى، ئەرەب تىلى مائارىپىنىڭ كېڭىيىشىنى، ئەرەب يېزىقىدىكى ۋىۋىسكىلارنى مەنئى قىلىشقا كىرىشكەن.
خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىڭشيا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى لى جيەنخۇا ئۆتكەن يىلى 24-دېكابىر چاقىرىلغان دىنىي خىزمەت يىغىنىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «چېگرا سىرتىدىكى ئىسلامنىڭ سىڭىپ كىرىشنى دىنىي مەسىلە ئەمەس، سىياسىي مەسىلە» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مەركەز نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا ئىسلام دىنىنىڭ ‹سەئۇدىلىشىشى› ۋە ‹ئەرەبلىشىشى›نى قاتتىق مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلدى»، دېگەن.
نىڭشيا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارى يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئىسلامغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىپ، تۇڭگانلاردىكى «ئەرەبلىشىش» خاھىشى دىنىي ئاشقۇنلۇق، دەپ ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەمما نىڭشيا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارى بەزى تۇڭگان زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. لەنجۇدا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگان زىيالىيسى ما ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لى جيەنخۇانىڭ سۆزىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نىڭشيا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەزكۇر سېكرېتارىنىڭ سۆزى ئۇنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ناھايىتى مۈجمەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ما ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىر پارتكوم سېكرېتارى بولسۇن، بىر رەھبەر بولسۇن ياكى مەلۇم بىر رايوننىڭ ۋەكىلى بولسۇن، بەزى بىر يىغىنلاردا ‹ئەرەبلىشىش› ۋە ‹ئىسلاملىشىش›قا قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەيدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسى بىر تەرەپلىمىلىك. بەزى كىشىلەر ‹ئىسلاملىشىش›، ‹جۇڭگوچە ئىسلام› دېگەن بۇ ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ مەسىلىنى مەيلى يىغىندا، مەيلى ئاممىۋى سورۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى چۈشەنچىسى ناھايىتى مۈجمەل. چۈنكى، خىتايدا ھازىرغا قەدەر ھېچكىم بۇ ئۇقۇملارغا توغرا تەبىر بېرىپ باقمىدى. نىڭشيا پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشى قانچىلىك. ‹جۇڭگوچە ئىسلام› دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن مۈجمەل ئۇقۇم. ئۇنىڭ بۇنداق بىر مۈجمەل ئۇقۇمنى رەسمىي سورۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك».
ما ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر ئەرەبلىشىش بىلەن ئىسلام ئېتىقادىنى ئارىلاشتۇرۇۋالغان. ئۇ، خىتايدىكى مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ «جۇڭگوغا خاس» بىر خىل ئىسلامى ئېتىقاد شەكلى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ما ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بىز جۇڭگولۇق تۇڭگانلار ئىسلامنىڭ جۇڭگولاشقان مىللىتى. ئۇلار خىتاي تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار خىتايلارغا ئوخشاش كىيىنىدۇ. كۆرۈنۈشى خىتايلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. ئۇلارنىڭ بىردىن بىر پەرقى ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئوخشاش ئەمەس. مەن شۇنداق قارايمەنكى، بۇ نەق جۇڭگولاشقان ئىسلامنىڭ ئۆزى. مەسىلەن، مەسچىتلەرگە قاراپ باقايلى، تۇڭگانلاردا ھەر خىل، ھەر ياڭزا مەسچىتنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.
ئىسلامدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلا بولسا، ئۇ ھەرقانداق مۇھىت، ھەرقانداق سىستېما، ھەرقانداق مىللەت ئىچىدە ناھايىتى ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئىسلام خەق سۆزلىگەندەك ئۇنداق ئەمەس.»
لېكىن نىڭشيا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يەنە، خەلقئارا ئىسلامى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقە، چەتئەلگە تالىپ چىقىرىش، مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىنى ئېلىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە مۇسۇلمان ئىستېمال بۇيۇملىرىغا «ھالال» ماركىسى چاپلاش قاتارلىقلارغا قاتتىق چەكلىمە قويغان.
دائىرىلەر يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىغا ئومۇمىي يۈزلۈك «ھالال »ماركىسى چاپلاشنى مەنئى قىلىپ، پەقەت ھايۋان گۆشى ۋە ھايۋان يېغىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك ياكى بەزى زۆرۈر مۇسۇلمان ئىستېمال بۇيۇملىرىغىلا «ھالال» ماركىسى چاپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ يېقىنقى 30يىللىق ئىسلاھات دەۋرىدە تۇڭگانلارغا بىر قەدەر كەڭ دىنىي ئەركىنلىك بېرىلىپ، ئۇلاردىكى دىنى ئېتىقاد كۈچەيگەنلىكى، ئەمما ئاخىرقى يىللاردا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بېيجىڭنىڭ تۇڭگانلارغا يولغا قويغان دىنىي سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا يولغا قويغان دىنىي سىياسىتى ئوخشىمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى باستۇرغاندا تۇڭگانلارغا دىنى ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇلارغا سىلەر ئۇيغۇرلاردەك ئىسيان كۆتۈرمىسەڭلار بىز قانداق دىنىي ئەركىنلىك بولسا بېرىمىز، دەپ ئەركىنلىكنى بەرگەن. ئۇلار ھازىر قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلاندى. ئەمدى ھازىر دۇنيادا ئىسلام دىنىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۇلغىيىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەلۋەتتە تۇڭگانلارمۇ بىر چەتتە تۇرۇپ قالمايدۇ. مېنىڭچە بۇ كۈچىيىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ سۈركەۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇۋاتىدۇ. »
لېكىن قاھار بارات يەنە، خىتاينىڭ تۇڭگانلارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىپ، ئەمدى بۇ ئەركىنلىكنى قىسسا، چوقۇم تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقى، ئەمما نارازىلىقنىڭ قايسى شەكىلدە ئىپادىلىنىشىگە بىر نېمە دېمەك بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «سۈركىلىش بولىدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقى دىنسىز خەلق، مۇسۇلمان خەلق ئەمەس. مۇنداق بىرگە ياشاۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم سۈركىلىش بولىدۇ. بۇ سۈركىلىشلەر قەيەردىن چىقسا مەيلى، لېكىن تۇڭگان تارىخىدا بولۇۋاتقان سۈركىلىشلەرنىڭ ھەممىسى دىنىي ۋەقە، دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولىدۇ. بۇنىمۇ بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇرۇنقىدەك سۈنئىي دىنىي ئەركىنلىكنى بېرىپ، شۇنچىلىك دەرىجىگە چىقىپ بولدى. ئەمدى بۇلار كەلگۈسىدىكى ئېھتىماللىقلاردىن قورقۇپ، كونترول قىلىۋاتىدۇ. بۇنى كونترول قىلسا تۇڭگانلاردا بۇنىڭغا قارشى چوقۇم دىنىي،مىللىي ھېسسىيات جەھەتتىن ناھايىتى زور نارازىلىق قوزغايدۇ.»
دائىرىلەر يەنە، نىڭشيا ئاپتونوم رايونى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان «ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇن لايىھىسى»نى قايتۇرۇۋالغان. نىڭشالىق ۋەكىللەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ 3-ئايدىكى مەملىكەتلىك يىغىنىدا قۇرۇلتايغا «ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇن لاھىيەسى» سۇنغان.
بۇ لايىھە كومپارتىيە ئىچىدىكى سولچى زىيالىيلار ۋە پارتىيە ئىچىدىكى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيىگە قارشى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.
0:00 / 0:00