تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا ئاييولتۇزلۇق كۈك بايراق لەپىلدىدى
2013.04.26

تۈركىيىنىڭ كوجائېلى ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل 23 - ئاپرىل بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، كوجا ئېلى ۋىلايىتىدە 41 دۆلەتتىن 1000 دىن ئارتۇق بالىلارنى تەكلىپ قىلىپ خەلقئارالىق چوڭ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇر بالىلىرى قاتناشتى ۋە پائالىيەت جەريانىدا مىللىيچە كىيىملەرنى كەيگەن ئۇيغۇر بالىلار، قوللىرىدا ئاييولتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلىدىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
بۇ پائالىيەتكە كوجائېلى ۋالىيىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، داڭلىق سەنئەتچىلەر ۋە تەنتەربىيەچىلەر شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ شوۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ قابىلىيەت سىزدە دېگەن پروگراممىسىدا ماھارەت كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا ھەر بىر مىللەتكە سۆز قىلىش ياكى پائالىيەت كۆرسىتىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قىزلار ئەتلەس كۆينەك ۋە چىمەن دوپپا بىلەن سەھنىگە چىقىپ قوللىرىدا كۆك بايراقنى ئىگىز كۆتۈرگەن ھالدا «مەن تۈركىستان قىزى» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
بۇ پائالىيەت 18 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپرىلغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، بىرىنجى كۈنى تونۇشۇش، نومۇر كۆرسىتىش، شېئىر ۋە ناخشا ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى كىچىك بالىلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرۈش قىلغان. ئۇيغۇر بالىلارمۇ ئاييولتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا ئەتراپتىكىلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ يۈرۈش قىلغان.
پائالىيەت داۋامىدا ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن بالىلار كوجائېلى ۋىلايىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ھەدىيە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلار ۋالىيغا يىپەك ئەتلەس ھەدىيە قىلدى. ھەدىيەنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋالىي قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە، «شەرقىي تۈركسىتانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ گۈزەل ھەدىيەسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيىتىمەن» دېدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر بالىلارنى تەرتىپلىگەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇنەۋۋەر خانىم بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ شېئىر ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.