بۈگۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى.
بۇ يىل قۇربان ھېيتتا تۈركىيەدە 9 كۈن تەتىل بولدى. تۈركىيەدە قۇربان ھېيت بايلار ئۈچۈن دەم ئېلىش، چەتئەللەردە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئوخشاش ئىشلار دېگەنلىك. ئەمما، ئاۋام خەلق ئۈچۈن بولسا ئىسلام دىنىدىكى قۇربان ھېيتىنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا قۇربان ھېيتىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر مەھەللىدە جەم بولۇپ ياشاۋاتقان قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ يېنىدا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قىلغان قۇربان ھېيتلىق، سېغىنىشلىق ئوتلۇق سالىمى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكەن يىلى مالايشىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى قىلغانلىقىنى، نامازنى ئۇيغۇر ئىمامنىڭ قىلدۇرغانلىقىنى، ۋەتەننى سېغىنىش ئىچىدە بىرلىكتە، بىرلىك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دەرس بېرىۋاتقان ئېلى ئەپەندى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان قورۇ جايغا ساخاۋەتچى تۈركلەر ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۈگۈن ئەتىگەندە 120 ئەتراپىدا قۇربانلىق قوي ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، قۇربانلىق گۆشىگە ئېغىز تەگمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئازاتجان بۇغرا ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئۇ، گەرچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ ئەتىگەن بىرلىكتە ھېيت نامىزى قىلىپ، بىرلىكتە قۇربانلىق سويۇپ، ئوپچە ھېيىتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە 200 ئائىلە ئۇيغۇر جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار 1960-يىلى غۇلجا، قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئافغانىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەيسەرىگە ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2013-2014 يىللىرىدا بۇ يەرگە مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر جايلاشتۇرۇلدى.