تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

بۇ ھەپتە ئاخىرى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەنە ئىپتار قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە باشقا باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. تەشكىلاتلار باياناتلىرىدا تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى رامزان ئېيى داۋامىدا خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم دېگۈدەك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامزان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنى «تۈركىيە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ پائالىيەتكە تەشكىلات ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىدىن بولۇپ 350 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

كىشىلەر ئىپتار قىلىشقا يېرىم سائەت قالغاندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، قولىغا «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىگەن»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالى ئاخىرلاشسۇن!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۇرۇشتى.

كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان مەزلۇملار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.