تۈركىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيەدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى، گېرمانىيەدىن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنىۋەرجان، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن تۇرسۇن ئەپەندى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى رەئىسى ئارتىق ھاجى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە كۈتاھيا دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسيە فېدېراتسىيەسى، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىراق، پاكىستان قاتارلىق 33 دۆلەتتىن 52 كىشى ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر نۇقتىلىق ھالدا ئۆتكەن ئاي تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 15 - ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە سۆيگۈسى ۋە 15 - ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسى» تېمىسىدا، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بولسا «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى رەئىسى ئارتىق ھاجى ئەپەندى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كەلگەن تۇرسۇن ھاجى ئەپەندىلەر بولسا ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 15 - ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسى توغرىسىدا سۆز قىلغان. خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار يىغىندا قىلغان نۇتقىدا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە چەتئەلدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

يىغىن توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يىغىنىڭ ساھىپخانى دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور بۇلەنت ئەپەندى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «15 - ئىيۇل سىياسىي ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى تۈركىيەگە كۈتمىگەن دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋەقە ھازىرمۇ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە، بىز تۈركلەر بۇ ھەقتە كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز ۋە دەۋاتىمىز. ئەمما بىر نەرسىنى كۆزدىن ساقىت قىلىۋاتىمىز. مەزكۇر ۋەقە ئىسلام دۇنياسىغا يەنى تۈركىيە سىرتىدا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ بىز بۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق.»

تۈركىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار



دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر 33 دۆلەتتىن تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرىگە كېلىپ ئىسلام دۇنياسى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە 15 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدە 243 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2400 ئەتراپىدا كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، بۇ، تۈركىيە تارىخىدىكى قانلىق ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن. ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «فەتھۇللاھ خىزمەت ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان تېررور تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ ساندا كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ سوتلىماقتا، خەلقئارا كەچۇرۇم تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قولغا ئېلىنغانلارنى ئادىل سوتلىمىدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

بۈلەنت ئەپەندى يىغىندا 33 دۆلەتتىن كەلگەن 52 كىشىنىڭ دوكلات بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى: «بىز 33 دۆلەتتىن 52 كىشى تەكلىپ قىلدۇق. بىز ئۇلارغا رەئىس جۇمھۇرى ئوردىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇپ بەردۇق. ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن كۆپ ساندا يىغىن ئەھلى دوكلاتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ دوكلاتىدىن بىزنىڭ بۇ ۋەقەنى چەتئەلگە ياخشى ئاڭلىتالمىغانلىقىمىزنى چۈشىنىپ يەتتۇق. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەگە بولغان ئىنكاسى ۋە ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. 3 كۈن داۋاملاشقان يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.»

يىغىن توغرىسىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى يىغىندا قىلغان نۇتقىدا شىۋېتسىيە خەلقى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 15 - ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى يىغىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭمۇ مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.