قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىنى ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە

0:00 / 0:00

12 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە قولىدا بار ئۇيغۇرلار تۈركلەرگە ئوخشاشلا ھەر كۈن دېگۈدەك ئوپچى ئىپتار تاماقلىرى بەرمەكتە. يوقسۇللارغا ياردەم قىلماقتا. تۈركىيەدىكى مىڭلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن نامراتلارغا ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ۋە ئۇيغۇر بايلار ئوپچى ئىپتار زىياپەتلىرى ئۆتكۈزمەكتە.

ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى چوڭ ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىپتار زىياپىتىگە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن مۇساپىرلارمۇ قاتناشتى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن نېمە دۇئالارنى قىلدى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇلى سېيىت تۈمتۈرك ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئامانۇللاھ ئەفەندىگىللەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.