تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا ماڭدى. بۇ تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر دىنىي ئىشلار ئىدارىسى رەھبىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى بولۇپ، مەھمەت گۆرمەز ئەپەندى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مەھمەت گۆرمەز ئەپەندى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىدە جامائەتكە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يۈنشەن بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ زىيارەت جەريانىدا ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنامىگە بىنائەن خىتايدا قۇرئانى كېرىم ۋە دىنىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرۇش خىزمەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.
13-سېنتەبىر كۈنى نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى يىڭچۈئەن شەھىرىگە بېرىپ، خىتاي دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ زويەن بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە-خىتاي ئىسلام كۈلتۈر سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.
بۇ ھەي ‘ئەت تەركىبىدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتېمىن ئۆزافشار، تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسى باشلىقى مەمەت پاچاجى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىلەرمۇ ئورۇن ئالغان.
خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي بېسىم كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. بىز بۇ زىيارەتكە بولغان كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مەسئۇلى پروف. در. مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ئېيتتى.