تۈركىيە دۆلەت رەئىسى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنقەرەنىڭ بەشتەپە رايونىدىكى دۆلەت رەئىسى سارىيىدا بەرگەن زىياپەتكە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ قاتناشتى. مەزكۇر ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى ۋە ھەرقايسى شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 8 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئىپتار زىياپىتى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇ ئالدى بىلەن مېھمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قىممەتلىك ۋەكىللىرى، ھۆرمەتلىك چوڭلىرىم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، سۆيۈملۈك دوستلار سىلەرنى ھەسرەت، مۇھەببەت بىلەن چىڭ كۆڭلۈمدىن سالاملايمەن. دۆلەت رەئىسى ئوردىسىغا، مىللەتنىڭ ئوردىسىغا ‏- ئۆز ئۆيۈڭلەرگە خۇش كېلىپسىلەر. مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تۈگىدى، ئاستا-ئاستا روزى ھېيىتقا يېقىنلىشىپ قالدۇق، خۇدا ھەممىمىزنى ساق-سالامەت روزى ھېيت ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن. ئاللاھ تۇتقان روزاڭلارنى قوبۇل قىلسۇن.»

دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشى بىلىمەن. مائارىپ خىزمەتلىرىدىن سالامەتلىك خىزمەتلىرىگىچە، قانۇندىن ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىگىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىدىن كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشقىچە بولغان كەڭ ساھەدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆزۈم ۋە مىللىتىمگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيەدە بۇرۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى دۆلەتكە قارشى پائالىيەت قىلىدىغان تەشكىلات دەپ كۆرۈپ، دۆلەت يامان كۆرەتتى. كېيىنكى يىللاردا بۇ ئۇقۇمنى يوقاتتۇق، دۆلەت ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىدى. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ سىياسىتىمىزگە داۋاملاشتۇرىمىز.»

6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭى سېلىنغان ئوردىسىدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ زىياپەتكە تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى جېلىل تۇران ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزلىرىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ زىياپەت جەريانىدا دۆلەت رەئىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ خېتىنى تاپشۇرغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

جېلىل تۇران ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئىپتارنىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىمۇ ئىپتار زىياپىتىگە تەكلىپ قىلماقتا.