تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلماقتا.

جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق گېزىتىدە تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئىسمەت ئاتامان ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يېقىندا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى، روزا تۇتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى پەسكەشلىك بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم ۋە چەكلىمىلەر تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستاندا بىر قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىچارە دۇنيا بۇنىڭدىن خەۋىرى يوق، دۇنيانىڭ كۆزى بار كۆرمەيدۇ، قۇلىقى بار ئاڭلىمايدۇ، تىلى بار سۆزلىمەيدۇ.

تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى بولغان ت ر ت قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى.

جۈمە كۈنى يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مەكىكغازى ياشلار بۆلۈمى رەئىسى ئوسمان كەشئوغلى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ئالاقىدار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئوسمان كەشئوغلى باياناتتا مۇنداق دېدى: بىز يىلتىزلىق بىر ئۈممەت دەرەخ بولۇپ بۇ دەرەخنىڭ بىر ئۇچى مىسىردا، بىر ئۇچى شەرقىي تۈركىستاندا، يەنە بىر ئۇچى پەلەستىندە، باشقا ئۇچلىرى كۆپلىگەن مەزلۇم جۇغراپىيەلەرگە تۇتىشىدۇ.

ھەممىمىزنىڭ بۇ دەرەختىن ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بار. زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئۆتكەن يىلىدىكىگە ئوخشاش روزا تۇتۇشنى، دىنىي ئەركىنلىكلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى چەكلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئوسمان كەشئوغلى سۆزىدە يەنە، بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: كېلىڭلار بىرلىشەيلى!، شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىسرائىلىيەسى بولغان خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرەيلى، بىز قانچىلىك بىرلىشىپ پۈتۈنلەشسەك زالىملار شەرقىي تۈركىستاندا، ئاراقاندا ۋە باشقا مەزلۇم جۇغراپىيىلەردە قاچىدىغان تۆشۈك ئىزدەيدۇ. بىز ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مەلىكغازى ياشلار بۆلۈمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زالىملارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيمىز.

شۇ كۈنى يەنە، تۈركىيەنىڭ مىللەت گېزىتى، يېڭى شافاك گېزىتى، يېڭى ئاقىت گېزىتى، بۈگۈن ۋە سىتار گېزىتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە ۋە ئوبزۇر ئېلان قىلدى ۋە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

دۇنيا بۇلتەنى، خەۋەر 7، ئىنتېرنېت خەۋەر قاتارلىق تور گېزىتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلاردىن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەردە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى.

كەچتە يەنە، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلاردىن مەزلۇملار ئۈچۈن ھەق ۋە ھۆرىيەت جەمئىيىتى يەنى مەزلۇم دەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئوتتۇرا شەرق دېگەن گېزىتتە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردىنى ئاڭلاڭلار» دېگەن تېمىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوبزوردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلدى. ئوبزوردا «شەرقىي تۈركىستاندا بۇ مۇبارەك رامزان كۈنلەردىمۇ بەك ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن باشقا ھەركىم كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ» دەپ يازدى.