تۈرك دۇنياسى ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلغان پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچەھرى ئەپەندى، تۈركلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا، ھېچ ئىش قىلالمىسا نامازلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشقا چاقىردى.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا تۈرك دۇنياسى ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلۇداغ گۇرۇپپىسى مەسئۇلى مەمەت فاتىھ شاھىن ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بۇ ئىپتار زىياپىتىگە پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچەھرى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجانغا ئوخشاش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سىرتىدا ھازىر ۋەزىيىتى ئېغىر بولغان قىرىم تاتارلىرى ۋەكىلى، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋەكىلى، سۈرىيە تۈركمەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇلار ھەممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز رايونىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى تۈرك ھۆكۈمىتىنى شۇنداقلا تۈرك خەلقىنى قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشقا چاقىردى.
تۈرك دۇنياسى ئىپتار زىياپىتىدە پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچەھرى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ نۇتقىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئالدى بىلەن قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:
- ئالدى بىلەن بۇ مۇقەددەس رامزان ئېيىدا تۈرك دۇنياسىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئۇلۇداغ گۇرۇپپىسىغا، گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى فاتىھ شاھىن ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈنلەردە يۈرىكىمىز دەردكە تولدى، غەمكىن ۋە ماتەم ئىچىدە تۇرماقتىمىز. ھازىر قىرىمدىكى قېرىنداشلىرىمىز تاتار تۈركلىرى ئەنسىرەش ئىچىدە بېسىم ئاستىدا تۇرماقتا. رۇسىيە قىرىمنى قايتا بېسىۋالدى. قىرىمنىڭ كېلەچەكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم.
ئۇ، ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ۋەھىم بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئۆتكەندە بىر خەۋەر ئوقۇدۇم، شەرقىي تۈركىستاندا روزى تۇتۇش چەكلەنگەن ئىكەن، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي سۇ ئىچكۈزۈپ روزىسىنى بۇزدۇرۇۋېتىپتۇ. زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى زۇلۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپتۇ. يەنە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بېرى كۆپ ساندا بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە تاشلانغان، ھەتتا بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر ۋەزىيەتتە، چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارمۇ قېيىن ۋەزىيەتتە. بۇلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىگە چىقىشى كېرەك.
پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچەھرى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن قالسا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەنلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- شىمالىي ئىراقتىكى ۋەزىيەت تۈركلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئەنسىرەشكە سالماقتا. شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. بىز يېڭى ئالغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 350 مىڭ تۈركمەن يۇرتىدىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن تۈركمەن ئۆلتۈرۈلگەن، خانىم قىزلار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى 10 بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلىۋېتىپتۇ. ئەمما بىز بۇ يەردە تاماق يەپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇلارنى ئىراق دەمەشق ئىسلام دۆلىتى تېررورچىلىرى قىلماقتا.
ئۇ نۇتقىدا پەلەستىن خەلقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئىسرائىل ئارمىيىسى داۋاملىق ھالدا گازاغا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۈگۈنگىچە 400 ئەتراپىدا كىشى ئۆلۈپتۇ، كۆپ ساندا كىشى يارىدار بولۇپتۇ. بۇلارغا قارايدىغان بولساق، رامزان ئېيىدا تۈرك دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولۇۋاتقانلار بىزنى ماتەمگە چۆمدۈردى.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچەھرى ئەپەندى ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە كىشىلەرنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
- مېنىڭ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم. قىسقىچە شۇنى دېمەكچىمەنكى، يېمەك يەيلى، ئايلىنايلى ۋە ئىبادىتىمىزنى قىلايلى. ئەمما قىرىمنىڭ ۋەزىيىتى ئۇنداق ئىكەن، كەركۈك، شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىننىڭ ۋەزىيىتى ئۇنداق ئېغىر ئىكەن، ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايلى، ھېچ بولمىسا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلايلى. ھەممىڭلارنىڭ رامزان ئېيى مۇبارەك بولسۇن.
ئىپتار ئاخىرىدا قازاقىستاندىن كەلگەن موللا قازاق تىلىدا دۇئا قىلىپ ئېزىلىۋاتقان تۈركىي خەلقلەرگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.