تۈركىيە دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى يەنى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قۇرئان كەرىم ۋە باشقا بەزى دىنىي كىتابلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
تۈركىيە، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئارقىلىق دىنىي كىتابلارنى بېسىپ تارقاتماقتا. يېقىندا، 1986-يىلى مۇھەممەد سالىھ داموللا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان «قۇرئان» نى تۈزىتىپ قايتا بېسىپ تارقاتتى.
ئۇيغۇرچە قۇرئانى كەرىمنى قايتا نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن 7 دىنىي ئىلىملەر مۇتەخەسسىسىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئابدۇللاھ قاراقاش ئەپەندى كىتابنى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىنىڭ جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە قازاق، قىرغىز، ئەزەربەيجان، ئەرەب، ئىنگلىز ۋە رۇس تىلى قاتارلىق 17 تىلدا كىتاب تەرجىمە قىلىش ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا مەخسۇس تەرجىمە ئىشخانىسى تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ، كىتاب تەرجىمە ئىشلىرى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. ئابدۇللا قاراقاش ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيغۇرچە قۇرئانى كەرىمىنىڭ 1986-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، 1990-يىللاردىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆپ قېتىم بېسىپ تارقىتىلغانلىقىنى، ئەمدى بولسا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇللاھ قاراقاش ئەپەندى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئۇيغۇرچە قۇرئانى كەرىمىدىن يەنە 5000 نى بېسىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00