ئەنقەرە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى خىتاينى، ئۇيغۇرلارغا قويغان دىنىي چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
2017.05.29
رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان دىنىي بېسىمغا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن 27-ماي كۈنى چۈشتە ئەنقەرە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى باغچىسىدا ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. چۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە مۇنبەرگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، تۈرك بايرىقى ۋە ئۈستىگە ئەنقەرە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى خېتى يېزىلغان لوزۇنكا كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر روزى ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخبارات خادىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتتە ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى رەئىسى سونەر قارتال ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك ئىشتىراك قىلغۇچىلار، تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا-بولسۇن، دىن، ئېتىقاد، پىكىر، پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بېسىم ۋە ئىنسانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان ئەنقەرە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرىنىڭ 585-قېتىملىق مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتىگە خوش كېلىپسىلەر.
بۇ ھەپتىدىكى ئاخبارات باياناتىمىزدا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختالماقچىمىز. 66 يىلدىن بېرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇمى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. خىتاي بېسىۋالغان كۈندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاننى چەكلەنگەن رايونغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. خىتاي دىننى ئەڭ چوڭ خەۋپ دەپ كۆرگەچكە چەكلىمىلەرنىڭ كۆپىنى دىنى ئېتىقادقا قارشى قويماقتا.»
ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەقىلگە سىغمايدىغان چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر قانچە چەكلىمىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى چەكلەنگەن. خىتاي ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ روپاش كىيىنىشىنى چەكلىگەن. دۆلەت كادىرلىرى ۋە دۆلەتتىن مائاش ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئۆيىدە قۇرئان ۋە جايناماز قويۇشىنى چەكلىگەن. 4-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۇ چەكلىمىلەر دۆلەت كادىرلىرىغىلا ئەمەس، پۈتۈن خەلق ئاممىسىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان. توي قىلغانلارنىڭ دىنىي نىكاھ قىلىشى چەكلەنگەن. تاماق يېيىشتىن بۇرۇن بىسمىللا دېيىش، يېمەكتىن كېيىن دۇئا قىلىش چەكلەنگەن. بىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئەنقەرە ئېتىقاد مۇنبىرى ئەزاسى ھەسەن چەتىنقايا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خالىغانچە ياشىشى بىزنىڭمۇ ئارزۇيىمىز. بىز رادىيوڭىز ئارقىلىق خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.»
مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سەلاھىددىن قەشقەرلى ئەپەندى روزى ئېيىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار روزى تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر مۇساپىر مەمەت ياسىن ئەپەندى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار خىتاي قويغان چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش. شۇڭا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە كۆزىتىدۇ. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغان كېيىن، تۈركىيەدىكى يېڭى شافاق، دۇنيا گۈندەمى قاتارلىق گېزىتلەردە بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ رامىزان ئېيى جەريانىدا تۈركىيەدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنقەرە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى.